ئافرىقىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر دەرەختە ئىككى لانگۇر مايمۇنى شاختىن شاخقا سەكرەپ ئوينىشىۋاتقان كۆرۈنۈشنى ئۇچرىتىش ئانچە قىيىن ئەمەس . ئۇلار ئۇزۇن قۇيرۇقلىرىنىڭ ئالاھىدە تەڭشەش رولىغا تايىنىپ ،دەرەخ شاخلىرىدا گاھ دارۋازلاردەك ماڭسا گاھىدا قوللىرى بىلەن ماڭىدۇ ،تۇرۇپلا خۇددى بىر بىرىنى دەرەختىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۋەتمەكچى بولغاندەك ئىتتىرىش ھەرىكىتىنى ئىشلەيدۇ . لېكىن يېڭىلگەن تەرەپ دەرەخ شاخلىرىنى تۇتقىنىچە چاققانبېرمىدىكلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرغاچقا زادىلا يەرگە يىقىلىپ چۈشمەيدۇ .ئەجىبا ئۇلار ئۇرۇشىۋاتامدۇ ؟
شىمالىي قۇتۇپتىكى قار مۇز بىلەن قاپلانغان بىر دۆڭدە بىر توپ شىمالىي قۇتۇپ قۇزغۇنى خوشال قاقىلدىشىدۇ ،ئۇلار دۆڭ ئۈستىگە ئۇچۇپ چىقىپ ،خۇددى كىچىك بالىلاردەك چانا تېيىلىپ ئوينىغاندەك بىرنىڭ ئارقىدىن بىرى تېيىلىپ پەسكە شۇڭغۇيدۇ . ئاندىن يەنە دۆڭگە قاراپ ئۇچىشىدۇ .ئەجىبا ئۇلار ئويۇن قۇيىۋاتامدۇ ؟
لاتىن ئامېرىكىسىدىكى پاتاگونىيە ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ھەر قېتىم بوران چىققاندا توپ توپ بالىنتا كىتلىرى قۇيرۇقلىرىنى سۇدىن چىقىرىپ بورانغا توغرىلايدۇ -دە خۇددى يەلكەنلىك كېمىلەردەك ،دېڭىز قىرغىقىغا قاراپ مەغرۇرانە ئۈزۈشكە باشلايدۇ .قىرغاققا يېتىپ باراي دېگەندە بۇ زور مەخلۇقلار يەنە دېڭىزغا چۆكۈپ قايتىپ كېلىشىدۇ ،ئاندىن يەنە بايىقى ھەرىكىتىنى تەكرارلايدۇ .بالىنا كىتلىرىنىڭ بى زادى نېمە قىلغىنىدۇ ؟
زوئولوگلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئوقۇيدىغان بولساق ھەيران قېلىشىمىز مۇمكىن .ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،بۇ يۇقىرىقى بايانلاردا دېيىلگىنى ھايۋانلارنىڭ ئوينىغىنى ئىكەن .خۇددى ئىنسان بالىسى ئويۇن ئوينىغاندەك ،ھايۋانلارمۇ ئويۇن ئويناشقا ئامراق كېلىدىكەن .يەنە كېلىپ ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرى ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ مۇرەككەپ ،چۈشەنمەك ئەڭ تەس بولغان ھەمدە ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغاۋاتقان ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن . ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار ھايۋانلارنىڭ ئويناش شەكىللىرىگە ئاساسەن ،ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى يالغۇز ئويناش ،ئېلىشىپ ئويناش ،نەرسە ئويناش دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىغان .يالغۇز ئويناشتا شېرىكنى ھاجىتى يوق بولغاچقا ،ھايۋانلار ئۆزى يالغۇز ئويناۋېرىدۇ ،ھايۋانلار يالغۇز ئوينىغاندا دائىم زوقى -شوقى بىلەن راسا قىيغىتىپ چاپىدۇ ،تاقلايدۇ ياكى ئورنىدا تۇرۇپ پىرقىرايدۇ .مەسلەن ،ئاتلار ئالدى تۇياقلىرىنى كۆتۈرۈپ چاپىدۇ ،مايمۇنلار موللاق ئېتىشقا ،دەرەخقە ئېسىلىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشقا ئامراق ...يالغۇز ئوينىغاندا ھايۋانلار بەك ئەركىنلىشىپ كېتىدۇ .بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئويۇن ھەرىكىتى .
ئېلىشىپ ئويناشقا ئىككىدىن ئارتۇق ھايۋان قاتنىشىدىغان بولغانلىقتىن ،ئۇ بىر خىل ئىجتىمائىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ .ئېلىشىپ ئوينىغاندا ھايۋانلار قاتتىق ئېلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ،ئەمما بىر بىرىنى ھەرگىزيارلاندۇرمايدۇ .تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ،ئېلىشىپ ئوينىغاندا ئۆز ئارا بىر بىرىگە تۇلۇق ئىشىنىپ يول قويىدىغانلىقى ،ئۆزىنى قاتتىق تىزگىنلەپ ئويۇننىڭ راستقا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ،راست ئېلىشقاندىنمۇ تەس بولىدىكەن . نەرسىلەرنى ئويناش ئەمەلىيەتتە ھايۋانلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقنى يېتىلدۈردىكەن .شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى دائىم مۇنداق بىر خىل ئويۇننى ئوينايدۇ :بىرەر تال كالتەك ياكى تاشنى دۆڭگە ئاچىقىپ پەسكە تاشلايدۇ -دە ،ئارقىسىدىن ئۇنى قوغلاپ يۈگۈرەيدۇ ،ئاندىن ئۇ نەرسىنى يەنە دۆڭگە ئېلىپ چىقىپ پەسكە چۆرۈيدۇ .ياۋا پىل ئوت -چۆپلەرنى تۈرمەكلەپ توپ شەكلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنى خارتۇمى بىلەن تېپىپ ئوينايدۇ .
يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغاپ تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ قىزغىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى .مۇنازىرە قىزىق نۇقتىسى ھايۋانلار نېمىشقا ئوينايدۇ دېگەندىن ئىبارەت . ئېنىرگىيىنى ئامال بار ئىسراپ قىلماسلىق جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەت ،ھايۋانلار ئۈستىدە مەيلى مورفولوگىيىلىك قۇرۇلما ،فىزىئولوگىيىلىك جەريان ياكى ھەرىكەت جەھەتتىن تەھلىل ئېلىپ بارايلى ،ئامال بار ئېنىرگىيىنى ئىسراپ قىلماسلىقنىڭ نۇرغۇن مىساللىرىنى تاپالايمىز .ئۇنداقتا ھايۋانلار نېمىشقا شۇنچىۋالا ئېنىرگىيىنى سەرپ قىلىپ ئېنىق بىر نىشانى بولمىغان ئويۇنلارنى ئوينايدۇ ؟بۇ مەسىلىگە قارىتا تەتقىقاتچىلاردا خىلمۇ خىل كۆز قاراشلار بار .ئاتاقلىق شىمپەنزە تەتقىقاتچىسى جېئانى گوئودال شىمپەنزە بالىلىرنىڭ دائىم يوپۇرماقلارنى چاينال ئالقىنىدىكى سۇغا چىلاپ ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغان . قۇرامىغا يەتكەن شىمپەنزىلەر بولسا قۇرغاقچىلىق مەزگىلىدە يوپۇرماقلارنى چايناپ كاۋاكلىرىدىكى سۇغا چىلاپ ئاندىن يەنە يېيىش ئارقىلىق ئۇسسۇلۇقىنى قاندۇرىدۇ .بۇ خىل بايقاشقا ئاساسەن ،بەزى ئالىملار ھايۋانلار ئويۇن ئويناش ئارقىلىق كەلگۈسى ئۈچۈن ھەر خىل ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ .مەسلەن قوغلاش ،مۆكۈنۈش ئېلىشىش قاتارلىقلار ..بۇ ھەرىكەتلەرنى پىششىق ئىگىلەش ھايۋانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .بۇ خىل پەرەزنى رېپېتىتسىيە تەلىماتى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ .ئۇنىڭدىكى ئاساسلىقى كۆز قاراش؛.ئويۇن ئويناش ياشاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان رېپېتىتسىيە ›دېگەندىن ئىبارەت . بەزى ئالىملار رېپېتىتسىيە تەلىماتىغا قوشۇلمايدۇ .
ئۇلار ھايۋان بالىلىرى ئويۇن ئويناپلا قالماي يەنە ،يېتىلگەن ھايۋانلارمۇ ئويۇن ئوينايدۇ دەپ قارايدۇ . ھەمدە يېتىلگەن ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈپ ئەمەلىيەتتە يېتىلگەن ھايۋاناتلار ئويۇن ئارقىلىق ياشاش ئۈچۈن رېپېتىتسىيە قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس دېگەن . ئۇلار يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن :بەزى ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئوينىشى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز .مەسلەن :بېگېموت سۇ ئاستىدا تۇرۇپ سۇ يۈزىدە لەيلەكلىك يوپۇرماقلارنى پۈۋلەپ ئويناشقا ئامراق بولسا ، قۇزغۇن قاتارلىق دۆڭدە تېيىلىپ ئويناشقا ئامراق ،ۋەھاكازالار .
بۇ ئالىملارنىڭ قارىشىچە ،ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئوينىشى ئۆز -ئۆزىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئىكەن ،ئۆز-ئۆزىنى خۇش قىلىش خۇددى ئوۋ ئوۋلاش ،كۈشەندىلىرىدىن قېچىش كۆپىيىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ بىر خىل تۇغما ئالاھىدىلىكى ئىكەن .قانچە تەرەققىي قىلغان ،قانچە .ئەقىللىق ھايۋان بولغانسىز ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ئۆز ئۆزىنى خۇش قىلىش ئالاھىدىلىكىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن .شۇڭا كۆڭۈللۈك ئويۇنلار ئارقىلىق ھايۋانلار تەبئىي رىقابەتتىن پەيدا بولغان جىددىيچىلىكتىن قۇتۇلۇپ ،فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى تەڭشەپ ئۆز ئۆزىگە تەسەللىي بېرەلەيدىكەن ھەم ئۆز-ئۆزىنى قوغدىيالايدىكەن .شۇ سەۋەپتىن ھايۋان بالىلىرىلا ئويۇن ئويناپ قالماستىن يېتىلگەن ھايۋانلارمۇ ئويۇن ئوينايدۇ ،يۇقىرىقى قىياسنى ئۆز ئۆزىنى خۇش قىلىش تەلىماتى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ .
يېقىندا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېرۋا فىزىئولوگى خانىس تېربىل بىلەن خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگى سىتا ئارتمان قاتارلىقلار ئۆگىنىش تەلىماتى دەپ ئاتىلدىىغان تولىمۇ قىزىقارلىق بىر خىل قىياسنى ئوتتۇرىغا قويغان .ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئويۇن ئويناش ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل ئۆگىنىش ھەرىكىتى ئىكەن .تېربېل كانارى تاقىم ئارىلىدا شىمپەنزىنىڭ ھەرىكىتى توغرۇلۇق تەتقىقات ئېلىپ بارغان .ئۇ شىمپەنزىلەرگە تاياق توقماق بەرسە ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بەزىلىرىنىڭ ئادەملەر ئۆردەكنى قوغلىغاندەك بىر بىرنى سۈر توقاي قىلىشىپ ئوينايدىغانلىقىنى يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئىسسىقلىق يېمەكلىكلەرنى چۈشۈردىغانلىقىنى ،مۇنداق ھەرىكەتنى قىلىپ باققان شىمپەنزىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن تاياق توقماقلارنى ناھايىتى ئەپچىل ئىشلىتەلەيدىغان بولغانلىقىنى بايقىغان .خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش مۆكۈشمەك ئويناش ۋە قوغلىشىپ ئويناش ئارقىلىقمۇ ھايۋانلار يەرنىڭ ئوي چوڭقۇرلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ . ئويۇننىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بۇلۇپ ،ئۇ ھايۋانلاردا بىۋاستە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي ،يەنە چاققانلىقى سەزگۈرلۈكنى ،ئېلىشىش ۋە مۇھىتتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنىمۇ ئاشۇرىدۇ .ئويۇن ھايۋاناتلار ئۈچۈن ئۆزلىرىدىكى ھەر خىل تۇغما ماھارەتلەرنى ھەر خىل مۇرەككەپ تەبئىي ئىجتىمائىي شەرت شارائىتلار بىلەن ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ .
شۇڭا مەيلى ھايۋان بالىلىرى ياكى يېتىلگەن ھايۋانلار بولسۇن ئويۇن ئويناش ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىل ئۆگىنىشى ھەرىكىتىدىن ئىبارەت .
ئامېرىكا ئىداخو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جون بېيئا بىلەن كانادالىق زوئولوگ پائۇل لانتىر ئويۇن ئويناش بىر خىل ئۆگىنىش بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە بىر خىل چېنىقىشتىن ئىبارەت دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان .بېيئا سىبىرىيە ئارقارلىرىنىڭ ئويۇن ئوينىشىدا چېنىقىش خاھىشىنىڭ ناھايىتى روشەنلىكنى ،ئۇلارنىڭ ئويۇن مەيدانىنى تاللىغاندا ئاساسەن ئەمەلىي جەڭنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى خۇددى كۈشەندىسىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرمەكچى بولغاندەك ،كاتاڭ دۆڭلەردە تۇرۇپ ،تىك قىيالاردىن سەكرەپ ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىغان .ۋارايت خۇدسۇن قولتۇقىدا ياشايدىغان شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقنىڭ قىشنى بەك تەستە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ،كۈنلىرىنىڭ ئالدىراشچىلىق ۋە سەرگەردانلىقتا ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىغان . ياز كېلىپ قار مۇزلار ئېرىگەندە شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرى قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىدۇ .بۇ چاغدا ئۇزۇقلۇق مەنبەسى كۆپىيىپ ،شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرى ئۇزۇقلۇق تېپىش ئۈچۈن قاتراپ يۈرمەيدىغان بولىدۇ .شۇڭا قورسىقى تويغاندىن كېيىن ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشقا باشلايدۇ .مەسلەن ،چېلىشىش يۈگۈرۈش ،قوغلىشىش ،تېيىلىش قاتارلىقلار . ياز پەسلىدىكى ئويۇنلار خۇددى تەنتەربىيە ھەركىتدەك شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرىنى چېنىقتۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ ئۆز بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ .بۇ ئۇلارنىڭ قىش پەسلىدە ئوۋ ئوۋلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق .شۇڭا بۇ ئىككى ئالىم چېنىقىش تەلىماتى ئارقىلىق ئۆگىنىش تەلىماتىغا تولۇقلىما بەرگەن .
بۇ بىر نەچچە خىل قىياسنىڭ قايسىسى ئورۇنلۇق ؟ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ئوينىشى زادى زادى رېپېتىتسىيە قىلىش ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆز ئۆزىنى خۇش قىلىش ئۈچۈنمۇ ؟ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى چېنىقىش ئۈچۈنمۇ ؟تەتقىقاتچىلار ھەممىسىلا ئۆز قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇشۇپ بەش مۇنازىرە قىلىشىپ كەلمەكتە .ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە بۇ خىل قىياسلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ مەسىلىنى قانائەتلىنەرلىك چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ .ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلەر شۇ قەدەر مۇرەككەپكى ،بۇ ھەرىكەتلەرگە ئېنىق تەبىر بېرىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس ،دەپ كۆرسەتكەن .ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكىتى تەنتەربىيە ھەرىكىتىدىمۇ يەنە سەھنىدە ئويۇن قويغاندىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ .بۇ ھەرىكەتلەردە نە بىرەر مەقسەت نە بىرەر نەتىجە ،نە بىرەر ئەندىزە نە بىرەر قائىدە بولمايدۇ .ھايۋانلار شوخلۇقى تۇتسىلا ئويناۋېرىدۇ.مەزمۇنى تولىمۇ مۇرەككەپ بۇلۇپ ،كىشنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ .ھېڭدېر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان باشقا بارلىق مۇتەخەسسىسلەر ھايۋانلارنىڭ ئويۇن ھەرىكەتلىرىدىكى بارلىق سىرلارنى ئېچىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىشىدۇ.
-جۇلىمىڭنىڭ ‹ھايۋانلارنىڭ ئوينىشىدىكى سىرلار ›ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved