QZ8501نىڭ قارا قۇتىسىى ھازىرغىچە تېپىلمىدى

جۇڭگوخەلق ئاۋىئاتسىيەسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋەقەگە ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەن QZ8501 ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قۇيرۇق قىسمى 10-چېسلا كۈنى سۇ ئاستىدىن سۈزۈپ ئېلىنغان بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى ۋاقتىنچە تېپىلمىغان، لېكىن مەزكۇر ئايروپىلان قارا قۇتىسىنىڭ سىگنالى بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، ئايروپىلان قارا قۇتىسىنىڭ ئايروپىلان قۇيرۇق قىسمى تېپىلغان جاينىڭ ئىككى مېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە سۇغا شۇڭغۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى قارا قۇتىنىڭ ئايروپىلان قۇيرۇق قىسمىنىڭ ئىچىدە ئەمەسلىكىنى بايقىغانىكەن.
ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيىنىڭ سۇرابايا شەھىرىدىن سىنگاپورغا قاراپ ئۇچقان QZ8501 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى رادار ئېكرانىدىن يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئايروپىلاندىكى 162 نەپەر ئادەمنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىغان.. .

ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 7-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى (Air Asia) بۈگۈن (7-چىسلا، چارشەنبە كۈنى) 8501 نۆۋەتلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا 100 مىڭ دوللار تۆلەم بەردى. مەزكۇر ئايروپىلان 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى جاۋا دېڭىزى (Java Sea) رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن.
ئاسىيا ھىندىنوزىيە ئاۋىئاتسىيىسى (AirAsia Indonesia) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سۇنۇ ۋىدياتموكو (Sunu Widyatmoko) مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مەزكۇر يولۇچىلار ئايروپىلانىدا 155 نەپەر يولۇچى بار بولۇپ، شىركىتىمىز ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا تۆلەم بەردۇق، ھەر بىر كىشىگە بەرگەن ئومۇمىي تۆلەم سوممىسى جەمئىي بىر مىليارد 250 مىليون ھىندىنوزىيە رۇپىيەسى (Indonesian Rupiah) (تەخمىنەن 98 مىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرى) بولدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ۋە ئەمەلىي بېرىلگەن تۆلەم سوممىسى ھىندىنوزىيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى قانۇنى تەلەپ بويىچە بېرىشى كېرەك دەپ ئېلان قىلىنغان تۆلەم سوممىسى بىلەن ئوخشاش بولغان. ھىندىنوزىيە ھۆكۈمىتى سۇغۇرتا شىركىتىدىن مەزكۇر ئايروپىلاندىكى ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلاشنى ياكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن تۆلەم بېرىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا «ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» ئېلان قىلغان بىر پارچە مۇناسىۋەتلىك سانلىق-مەلۇمات ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى 24 مىڭ دوللارلىق تۇنجى تۈركۈندىكى تۆلەم سوممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. گىرمانىيە ئالىئانىز سۇغۇرتا شىركىتى (Allianz SE) ئالدىنقى كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ قارمىقىمىزدىكى بىر شىركەت ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان شىركىتى بولۇپ، مەزكۇر تارماق شىركەت ئالدىنقى يىلى چۈشۈپ كەتكەن ئىككى دانە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيىسى (Malaysia Airlines) نىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىگەن ئىدى.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek