نۇر بەكرى رۇسىيەلىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 2 – سېنتەبىر رۇسىيە فېدېراتسىيەسى چىلىيابىنىسكى ئوبلاستىنىڭ باشلىقى دوبلوۋىسكى باۋرىس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.


نۇر بەكرى دوبلوۋىسكى باۋرىس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: دوبلوۋىسكى باۋرىس ئەپەندىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانىچىلارنى باشلاپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا كەلگەنلىكى چىلىيابىنىسكى ئوبلاستىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئوبلاست باشلىقى چىلىيابىنىسكى ئوبلاستىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچى، ھەمكارلىق ئورنىتىش، مەبلەغ سېلىش جەھەتلەردىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى كەسىپداشلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى ھەمدە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چىلىيابىنىسكى ئوبلاستىنىڭ ھەرتەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.

 


نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چىلىيابىنىسكى ئوبلاستى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئوخشاش جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ياۋروپا – ئاسىياغا تۇتاشقان ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇش ئىككى جاينىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىر نەچچە يىللىق قويۇق ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى.
نۇر بەكرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ يەرلىك كارخانىلارنى چىلىيابىنىسكى ئوبلاستىغا تەكشۈرۈشكە بېرىشقا، مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ جۇڭگو – رۇسىيە ھەمكارلىقىدىكى نەمۇنە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


دوبلوۋىسكى باۋرىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سودا، ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىدىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.



خەتكۈچلەر:
04-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek