سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.روسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 24-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ ،ئۇكرائىنا قىرىم رايونىغا توك تەمىنلەشنى ئۆز ئالدىغا توختاتقانلىقتىن شۇ يەردىكى 700 مىڭ ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى .
روسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى 24-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ ،ئۇكرائىنانىڭ شۇ كۈنى قىرىم رايونىنى توك بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئالدىغا توختاتقانلىقتىن شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 8گە بولغان ۋاقىت ئىچىدە 700 مىڭ ئاھالىنىڭ توك ئىشلىتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى .ئەمما قىرىم رايونىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالەت ئەسلىھەسى بىلەن زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە ئەسلىھەلىرى توك تەمىنلەش تەسىرىگە ئۇچرىمىغان .
قىرىم جۇمھۇرىيىتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ،نۆۋەتتە قىرىم ئېلېكتىر ئىستانسىسى پەقەت يېرىم ئېلېكتىر كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ،قالغان يېرىمىنى ئۇكرائىنا تەمىنلەيدىكەن .ئۇكرائىنا تەرەپ شۇ كۈنى ئەتتىگەندە قىرىم رايونىغا توك تەمىنلەشنى ئۆز ئالدىغا ئومۇميۈزلۈك توختىتىۋەتتى .
ئارقىدن يەنە قىرىم رايونىدىكى قىسمەن جايلارنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى .بۇ يىل 16-مارت ئۇكرائىنا قىرىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېۋاستوپول شەھىرى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قۇيۇلدى .90 پىرسەنتتىن ئارتۇق بېلەت تاشلىغۇچى ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە قوشۇلۇشنى قوللىدىئ ىككىنچى كۈنى قىرىم جۇمھۇرىيىتى پارلامىنتى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت بولغانلىقىنى جاكارلاپ نامىنى قىرىم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتتى .ئىككى كۈندىن كېيىن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن موسكۋادا قىرىم جۇمھۇرىيىتى ھەم سېۋاستوپول شەھىرى رەھبىرى بىلەن ئىككى رايوننىڭ روسىيە فېدېراتسىيىسىگە قوشۇلۇش شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى .
ياۋروپا ئىتتىپاقى 18 – چىسلا قىرىمنىڭ ئىقتىسادىنى چەكلەشنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 19 – چىسلا سىياسىي بۇيرۇق ئىمزالاپ ، قىرىم رايونىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ياكى بۇ رايوندىن ئىمپورت ئېكسپورت قىلىش ،تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى مەنئى قىلدى .
بۇ بۇيرۇقتا يەنە ئامېرىكىدىكى شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ قىرىم رايوندا شىركەت ۋە يۆتكىگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش مەنئى قىلىندى .ھەم شۇ يەردىكى شىركەتلەرگە مەبلەغ ۋەتېخنىكا بىلەن تەمىنلەشمۇ قەتئىي مەنئى قىلىندى . ئوباما يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىگە، بۇيرۇققا ئىخلاپلىق قىلغان شىركەت ۋە شەخسلەرگە ئەمەلىي جازالاش ھوقۇقىنى بەردى . ئۇلارنىڭ مال مۈلكىنى توڭلىتىۋېتىش ۋە ئۇلارغا ۋىزا تارقىتىپ بەرمەسلىك قاتارلىق ..
ئوباما باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى : بۇ بۇيرۇقتا قىرىم بىلەن سودا ئالاقىسى بار ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن .يەنە تەكىتلەپ ئامېرىكا قىرىمنىڭ رۇسىيىنىڭ مەيدانغا ئۆتۈپ كىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .شۇ كۈنى كانادا رۇسىيىگە يۈرگۈزگەن يېڭى بىر جازالاش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى . ئاساسلىق نىشانىنى بولسا روسىيەنىڭ نېفىتى ۋە تەبىئىي گاز سانائىتى ئىكەن .
بۇنىڭدىن باشقا كانادا تەرەپ 20 نەپەر رۇسىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى ۋە ئۇكرائىنا خەلق قۇراللىق كۈچلىرىنى باشلىقىغا خەلقئارا ساياھەتنى چەكلەش بۇيرۇقنى چىقاردى .رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 20 – چىسلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : چەكلەش بولسا قىرىم رايونىغا نىسبەت "ئوپچە جازالاش " ، ئامېرىكا قاتارلىق ئاتالمىش دېموكراتىك دۆلەتلەر 21 - ئەسىردە يەنە بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى كىشىنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ، قىرىم خەلقى بىلەن روسىيە خەلقى بىرتەرەپتە تۇرىدۇ ، سىرتنىڭ ھېچقانداق بېسىمغا باش ئەگمەيمىز .بىز يەنە ئامېرىكا بىلەن كانادا بۇ ھەركىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىشىپ بېقىش تەكلىپنى بىرىمىز . بىز تەرەپمۇ پات ئارىدا چەكلەشكە قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved