پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچە سائەت 0 بولغاندا ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ E گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە لىيۇبلىيانانىڭ سىتوكس توپ مەيدانىدا ئېنگىلاند كوماندىسى بىلەن سىلوۋىنىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا سىلوۋىنىيە كوماندىسىدىن ئىلسىچ ياردەمچى پاس بەردى، نوۋاكوۋىچ بىر تڭپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئېنگىلاند كوماندىسىدىن ئارسېنال كۇلۇبىدا توپ تېپىدىغان ۋىلشىرنىڭ يىراقتىن كىرگۈزگەن ئىككى توپى بىلەن ئېنگىلاند كوماندىسى 2-1 نەتىجىدە ئېشىپ كەتتى. سىلوۋىنىيە كوماندىسىدىن پېكنىك بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى يەنە تەڭلەشتۈرۈپ قويدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئېنگىلاند كوماندىسىدىن رۇنى قارشى تەرەپنىڭ خائىن پېسىنى ئېلىۋېلىپ قىرغىن توپى كىرگۈزدى. ئاخىرىدا ئېنگىلاند كوماندىسى مېھمان مەيداندا 3-2 نەتىجە بىلەن سىلوۋىنىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ غەلبىسى ئارقىلىق ئېنگىلاند كوماندىسى كىچىك گۇرۇپپىدىكى ھەممە مەيداندا غەلبە قىلىش نەتىجىسىنى ساقلاپ قالدى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved