چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق ئانىلارنىڭ ئارىسىدا تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ بالا ھەمراھىنى يېيىش مودا بولغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خىل ‹‹ يېڭىچە كۈتۈنۈش ئۇسۇلى ›› نى تەبىئىي داۋالىنىشنى تەرغىپ قىلىدىغان ئاياللار ۋە ھوللېۋودنىڭ مودىغا ئەگەشكۈچى ئايال چولپانلىرى ئالدىن سىناپ كۆرگەن، ئۇلار ئۆز بالا ھەمراھىنى يېگەندە ئىممۇنىتېت كۈچى ئېشىپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشگىلى بولىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
بالا ھەمراھىنى يېيىشنىڭ ئۇسۇلى ھەرخىل بولۇپ، بەزىلىرى قاينىتىپ شورپا قىلىپ ئىچسە، يەنە بەزىلىرى كاپسۇل ياساپ يەيدىكەن. بەزى ئاكۇشېرلار يېڭى يەڭگىگەن ئانىلارغا ئۆزلىرىنىڭ بالا ھەمراھىنى يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. 65 ياشلىق ئاكۇشېر كىلودىيەنىڭ ئېيتىشىچە، بالا ھەمراھىدا مول بولغان ۋېتامىن بار بولۇپ، ئانىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved