2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرىدە، 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئايال ليۇ جۈەن ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەنلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ يەر تېرىشنى، شۇنداقلا ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىغان. ئۇ خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ناھايىتى ئاز ۋاقتىنى بازار ئايلىنىشقا ئاجرىتىپ، كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا يېزىقچىلىق قىلىش، يولدىشىنى كۈتۈش، بالا بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان. رەسىمدە ليۇ جۈەن ئېتىزلىقتا.
ھۆسنخەت يېزىش، يەر تېرىش، گۈل بېقىش.....نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرى ئارزۇ قىلىدىغان يۇقىرىقىدەك گۈزەل مەنزىرىلەر 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان گۈزەل قىز ليۇ جۈەننىڭ رېئال تۇرمۇشىغا ئايلانغان ئىدى. گەرچە ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئايلىقى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ليۇ جۈەن قەتئىي پۇشايمان قىلمىغان، ئاددىي ساددا تۇرمۇش بولسا ليۇ جۈەن ھەقىقىي ئارزۇ قىلىدىغان تۇرمۇش ئىدى.
لوڭخەي يولىغا جايلاشقان مەلۇم بىر ئالىي دەرىجىلىك ئولتۇراق رايوندا مۇخبىر ئون مىڭ يۈەنلىك مائاشىدىن ۋاز كېچىپ يەر تېرىشنى تاللىغان ليۇ جۈەننى ئۇچرىتىپ قالدى. بىر يىل ئىلگىرى، ئۇ كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئوخشاش مائاشقا ئىشلەپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇ داۋالاشقا دائىر مەلۇم بىر شىركەتتە پىلانلىغۇچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئىشخانىسى بار ئىدى، مائاشىمۇ ئون مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى، تۇرمۇشىمۇ خېلى ياخشى ئۆتەتتى.
ليۇ جۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىزچىل مۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىكەن: ئىشقا بارماي ئۆيدە كىتاب ئوقۇپ، خەت يېزىپ ئولتۇرسا، بىر پارچە ئېتىز بولسا، ئۇ يەرگە گۈل، كۆكتات تېرىسا، كىتاب ئوقۇپ ھېرىپ كەتكەندە گۈللەرنى سۇغۇرۇپ، كۆكتاتلىقتا ئوت ئوتىسا، ئاندىن ئۆي تازىلاپ دېرىزىلەرنى سۈرتسە، ئۆيدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلارغا پاكىز ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تاماقلارنى ئېتىپ بەرسە، كىيىملەرنى دەزماللاپ تۈپتۈز قىلىپ رەتلىك قاتلاپ قويسا......
«ئون يىل ئىلگىرى جېڭجۇغا كېلىپ ئىشلىگەن ۋاقىتتا، مەن مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا تۇرمۇش شارائىتىم ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە ياشىشىمغا يول قويمىغان ئىدى. ئەمما ئون يىلدىن كېيىن بولسا مەندە قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىغۇدەك شارائىت بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇلتۇر سەككىزىنچى ئايدا خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ شەھەر سىرتىدا بىر تەرەپتىن يەر تېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق قىلدىم» دېدى ليۇ جۈەن.
ليۇ جۈەن ئولتۇرۇۋاتقان ئولتۇراق رايوندىن چىقىپ غەربىي جەنۇب تەرەپكە قاراپ تەخمىنەن 20 كىلومېتىر ماڭغاندا بىر تاغقا يېتىپ كەلگىلى بولىدۇ، ليۇ جۈەن مۇشۇ يەردىن بىر ئۆي ئىجارە ئالغان بولۇپ، بىر يىللىق ئىجارىسى ئاران 1000 يۈەن ئىدى، ماشىنا بىلەن يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ يەرگە كەلگىلى بولىدۇ. يەر تېرىش توختامى ئىمزالاپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ جۈەن ئىنچىكىلىك بىلەن بۇ بىر پارچە يەرنى ئۆزىنىڭ «غايىۋى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغان ئىدى. ئۇ كۆكتاتلىقنىڭ يېنىغا بىر ياغاچ ئۆي ياسىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئۆينى ئۆزى ئارزۇ قىلغان بويىچە ياسىۋالغان ئىدى.
بۇ بىر يىل جەريانىدا، ئۇ كۆڭۈل قويۇپ 24 مەۋسۇمغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى، ئۇ ئەتراپىدىكى ھەر-بىر تۈپ ئۆسۈملۈك ۋە گۈل-گىياھلارنى تونۇدى، رەسىم سىزىشنى، ساز چېلىشنى، چاي دەملەشنى، كۆكتات تېرىشنى، گۈل بېقىشنى.....ئۆگەندى.
ھەر ھەپتىدە ھاۋا ياخشى كۈنلەردە، ئۇ ماشىنا ھەيدەپ بۇ يەرگە كېلىپ كۆكتاتلارنى سۇغۇرۇپ، ئوت-چۆپلەرنى ئوتاپ، كۆكتاتلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىكەن.
رەسىمدە ليۇ جۈەن ئېتىزلىقتا
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved