پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
كىرىستىيانو رونالدو خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئۆزىنىڭ كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە داۋاملىق خان مادرىد كۇلۇبىدا قېلىپ يېڭى مەشقاۋۇل بېنتېز بىلەن بىللە كۈرەش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېنتىز ئىككى ھەپتە ئىلگىرى س رونالدو بىلەن بىر قېتىم پاراڭلاشقان. بۇ پاراڭدىن كېيىن س رونالدو بېنتېزغا ۋەدە بىرىپ ھەرقانچە پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىنىڭ ئۆزىگە قىزىقىشى بولسىمۇ بىراق ئۆزىنىڭ داۋاملىق خان مادرىد كۇلۇبىدا توپ تېپىشنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تېخى ئەمدىلا پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئەرمىنىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە س رونالدو ئۆزىنىڭ بۇ پەسىلدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغان بۇلۇپ ئۇدا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىد قالپاق ئۇيۇنى ئوينىدى.
س رونالدو بىلەن خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ توختىمى 2018-يىلى توشىدىغان بۇلۇپ ھازىر بۇ پورتۇگالىيە پۇتبول چولپىنىنىڭ يىللىق مائاشى 14 مىلىيۇن پوند سىتىرلىڭ . ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە س رونالدو خان مادرىد كۇلۇبىدا پەقەت دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتى. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى مۇسابىقىسىدە ھېچقانداق ياخشى نەتىجە بارلىققا كەلمىدى، بىراق ئىككى تەرەپ يەنە ئۆز ئارا ئىشەنچنى ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسپانىيە شۇ يەر ۋاقتى مۇشۇ جۈمە خان مادرىد مەشقاۋۇلى بېنتېز بېلنىڭ خان مادرىدتىكى كەلگۈسىنى مۇقىملاشتۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved