يېقىندا، ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانى: دۇنيا ئىراننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرىشىغا موھتاج، دېدى. ئۇ يەنە تېھراننىڭ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان يادرو تۈرى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەسىرىنى تىلغا ئالدى.
روھانى 1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 36 يىللىقىنى خاتىرىلەش تېلېۋىزىيە نۇتىقىدا: ئىران ۋە بىر نەچچە چوڭ دۆلەت ئۆتكۈزۈۋاتقان يادرو سۆھبىتى ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى قانلىق توقۇنۇشنى ھەل قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن.
روھانى: بۇ رايوندا تىنچىلىق ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، تېررورچىلارنى يوقىتىشتا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى كەم بولسا بولمايدۇ، دېدى.
روھانى ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ رادىكال ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ھەم يەمەن ۋە لىۋاندىكى سىياسىي مەسىلە ۋە داۋالغۇشنى تىلغا ئالدى. ئۇ: ئىران ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، دېدى.
روھانى يەنە يادرو سۆھبىتى ۋە ئىراننى جازالاشنى بىكار قىلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved