لىن بياۋنىڭ موسكۋادىكى بىر نەچچە يىللىق تۇرمۇشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئاز خاتىرلەنگەن . ستالىن لىن بياۋنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە قول قويىدىغان بولۇپ ، لىن بياۋ موسكۋادا ئالاھىدە كۈتۈنۈشتىن بەھرىمەن بولغان .
جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى مول ئۇرۇش تەجىرىبىسى لىن بياۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىدە داڭ چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان . 1939 - يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ، گېرمانىيە ئارمىيەسى دانىيە بىلەن نورۋېگىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئەسكىرى كۈچىنى يىغىپ فرانسىيەگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغان . ئەنگلىيە - فىرانسىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قايتارما زەربە بەرمەكچى بولغان . سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى يىلى بىتەرەپ دۆلەت سۈپىتىدە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسىمۇ ، ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن .سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى گېرمانىيە ئارمىيەسى ھۇجۇم قوزغاپ بۆسۈش ئاغىزى ئاچقاندىن كېيىن ، بىرونېۋىك قىسمى ئارقىلىق ئىچكىرلەپ كېرىپ قوغلاپ زەربە بېرىدۇ ، دەپ قارىغان ، ئەمما گېرمانىيە ئارمىيەسى ماكىنۇ مۇداپىئە لىنىيەسى ئالدىدا خېلىلا ھالسىرىغان . ستالىن بىر قېتىملىق زىياپەتتە قۇماندانلاردىن گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى سۇرىغان ، ئەينى چاغدا لىن بياۋمۇ زىياپەتكە قاتناشقان بولۇپ ، ستالىن ئۇنىڭدىن گېرمانىيە ئەسكىرى كۈچىنىڭ يۆنىلىشىگە بولغان قارىشىنى سۇرىغاندا ، ئۇ : مەن گېتلىر ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ ھەقىقى خىيالىنى ئېنىق بىلمەيمەن ، دېگەن . لېكىن ستالىن بۇ جاۋابتىن تازا رازى بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ ؛ ناۋادا سىز گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇماندانى بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز ؟ دەپ سۇرىغان . لىن بياۋ قىلچە تەمتىرىمەستىن : كۆپچىلىككە ماكىنۇ مۇداپىئەسىنى ئانچە مۇھىم بىلمەسلىكنى ئەسكەرتىمەن ، ناۋادا ماكىنۇ مۇداپىئەسىگە بىۋاستە ھۇجۇم قىلىنسا ، شۇندىلا رولى بولىدۇ ، ئەگەر مۇداپىئە لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىنغاندا ، ئۇنداقتا بۇ لىنيەنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىمۇ تېزلا ئايدىڭلىشىدۇ ، دېگەن . ئۇزاق ئۆتمەي گېرمانىيە ئارمىيەسى ماكىنۇ مۇداپىئەسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، فىرانسىيەگە چاقماق تېزلىگىدە ھۇجۇم قوزغىغان ، ستالىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، لىن بياۋنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە يەنىمۇ قايىل بولغان .
1942 - يىلى لىن بياۋ كېسىلى ساقىيىپ ۋەتەنگە قايتماقچى بولغاندا ، ستالىن ئۇنى ئەپقېلىشقا خېلى كۈچىگەن ، ھەتتا جياڭ جيېشىغا لىن بياۋنى 15 گېنرالغا تېگىشىپ بېرىشنى ئېيىتقان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved