30 – يانۋار 2014 ـــ 2015 – يىللىق مەملىكەتلىك ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سىناق مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 55 كەسپىي ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، چوڭ ئايلىنىش، تولۇق ئىقتىدار ۋە ئايلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان، خېيلۇڭجياڭ، ئازادلىق ئارمىيە قاتارلىق 6 ئەترەت مۇسابىقىگە قاتناشقان.
دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزى ئاممىۋى قار-مۇز بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش تېز سۈرئەتتە چۈشۈش، ئايلىنىش، چوڭ ئايلىنىش، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئايلىنىش ۋە تولۇق ئىقتىدار (تېز سۈرئەتتە چۈشۈش ۋە ئايلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈر) دىن ئىبارەت 5 تۈرگە ئايرىلىدىكەن، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە پەقەت 3 تۈر ئېلىپ بېرىلغان. بۇ يىل مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت ئىچى ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش تۈرىنىڭ ماھىرلىرى بولۇپ، مۇسابىقە مەملىكەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە سەۋىيەسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان، قېيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن چوڭ بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، 2016 – يىل مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھىرى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەشتىن باشقا، ئۆمەك تەشكىللەپ مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 100 نەچچە كىشىلىك قوشۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەككە تاختىدا قار تېيىلىش، سۇپىدىن سەكرەپ قار تېيىلىش، قىشلىق ئىككى تۈر، قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، فىگورا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، مۇز توپ، مۇز چۆگۈن قاتارلىق 8 تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved