جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 20- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، پاكىستاننىڭ سىندھ ئۆلكىسىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بىلەن بىر كوزۇپكىلىق ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كەتكەن، نۆۋەتتە ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ 42 گە يەتكەن بولۇپ، يەنە 17 كىشى يارىلانغان.
بىر ئاز ۋاقىت ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ قاتناش ۋەقەسى 27 ئادەمنىڭ ئۆلىشى ۋە 20 دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىلگىرىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار ئىكەن.
يەرلىك قاتناش ساقچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ ئاپتوموبىلنى خاتا ھەيدىشى ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرى يولنىڭ ئىچ تەرىپىدە ئاپتوموبىل يانداپ ئۆتمەكچى بولغاندا ئالدى تەرەپتىن كەلگەن كوزۇپكىلىق ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
نورمىدىن ئارتوق يۈك بېسىش، سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەش، خاتا ھەيدەش، يول ۋە ماشىنىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلمەسلىك قاتارلىق ئامىللار پاكىستاننىڭ قاتناش ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت بولۇشىغا سەۋەب بولدى.
مەنبەسى جۇڭگو ئاخبارات تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved