8–دېكابىر مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 2014–يىل 10–دېكابىردىن 25–دېكابىرغىچە نوپۇس ۋە ئاھالىلەر كىملىكى كەسپىنى بېجىرىشنى توختىتىدىكەن .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، نوپۇس ۋە كىملىك بېجىرىش كەسپى ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى نوپۇس ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىكەن .
بېجىرىشنى توختىتىشتىكى كونكرېت ۋاقىت : 2014–يىل 10–دېكابىر سائەت 24:00 تىن 25–دېكابىر سائەت 24:00 گىچە بولۇپ ، شەھەر بويىچە ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ھەممىسى نوپۇس ۋە ئاھالىلەر كىملىكى بېجىرىشنى توختىتىدىكەن . نوپۇس ۋە ئاھالىلەر كىملىكىنى بېجىرىش كەسپى 26–دېكابىردىن باشلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن .
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved