سىنا تورىنىڭ 22-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
بۈگۈن سەھەردە ئالما شىركىتى باش ئىشتابىدا ئەتىياز پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە iPad دە ئىشتلىتىلگەن ئەپنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. ئازراق كىچىكلىگەن iPhone SEدىن باشقا، ئالما شىركىتى بۇ قېتىم يەنە 9.7 دىيۇملۇق iPad Proنى ئېلان قىلدى.
iPad Proغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش كۆرسەتكۈچ ئېكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ، iPad Air 2گە سېلىشتۇرغاندا، نۇر قايتۇرۇش ئۈنۈمى جەھەتتە تېخىمۇ تۆۋەن يۇرۇقلۇققا تەكشەشكە بولىدۇ، رەڭلەرنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان. Night Shift ۋە True Tone Display ئەتراپتىكى نۇر ۋە تېمپېراتۇرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. تۆت دانە سىترولۇق ياڭراتقۇمۇ تېخىمۇ ياخشى ئاۋاز ئۈنۈمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قاتتىق دېتال سەپلىمىسى جەھەتتە، 9.7 دىيۇملۇق iPad Proغا A9X ئۆزەك ۋە M9 بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن، ھەمدە «Hey Siri» ئىقتىدارىنى قوللايدۇ. ئارقا كامېراسىنىڭ ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ 12 مىليون پېكسىلغا كۆتۈرۈلگەن، iPhone SEغا ئوخشاش ئاپتوماتىك فوكۇس تەڭشەش ۋە Live Photos ئىقتىدارى، شۇنداقلا 4K سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا iOS 9.3 مەشغۇلات سېستىمىسى سەپلەنگەن. ئالما iPad Proغا يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونۇپكا تاختىسى لايىھەلىگەن.
باھا جەھەتتە، 9.7 دىيۇملۇق iPad Proنىڭ 32GBلىق WiFi نۇسىخىسىنىڭ باھاسى 599 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا 3884 يۈەن)، 128GBلىق WiFi نۇسىخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 749 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا 4854 يۈەن) قىلىپ بېكىتىلگەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 256GBلىق WiFi نۇسىخىسىمۇ بار بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 899 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا 5826 يۈەن ) بولغان. 3-ئاينىڭ 24-كۈنى زاكاز قىلىشقا باشلاپ، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي سېتىلىشقا باشلايدۇ، تۇنجى بولۇپ تارقىتىلىدىغان رايونلار قاتارىدا جۇڭگومۇ بار. جۇڭگودىكى ئالما ئورگان تورىدا WLAN نۇسخىلىق 32GBنىڭ سېتىلىش باھاسى 4388 يۈەن، 128GBلىقنىڭ 5338 يۈەن، 256GBلىقنىڭ 6388 يۈەن دەپ كۆرسىتىلگەن. 9.7 دىيۇملۇق iPad Proنىڭ Smart Keyboard نىڭ باھاسى 1188 يۈەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved