جۇڭگو ئاخبارات تورى 21- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
شياڭگاڭ « يۇلتۇز ئارال » كۈندىلىك خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شياڭگاڭ ساقچى تەرەپ ۋاڭجياۋدا ئۆيمۇ-ئۆي ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 10 دىن ئارتۇق قانۇنسىز قىمارخانا ۋە پائىشخانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، جەمئىي 136 ئادەمنى قولغا ئالغان. ۋاڭجياۋ رايونىنىڭ ياردەمچى قوماندانى لوگوكەينىڭ كۆرسىتىشىچە، ساقچى تەرەپ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە 10 يەر ئاستى قىمارخانا، زەھەر ساتىدىغان بىر ئاشخانا ۋە ئىككى پائىشخانىنى بىتچىت قىلىپ، جەمئىي 136 ئادەمنى قولغا ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 80 ئەر ۋە 56 ئايال بار ئىكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئاساسلىقى مەزكۇر رايوندىكى سەن خېخۈي گۇرۇھى كونترول قىلىۋالغان قانۇنسىز قىمارخانىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ قىمارخانىلار ئۆز ئارا ئالاقىلىشىپ تۇرىدىكەن. شۇڭلاشقا ساقچىلار بۇ قانۇنسىز قىمارخانىلارغا تېخىمۇ تولۇق كۈچلۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئورۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved