نۇرغۇن كىشىلەر قايماقلىق سۈت، پىشلاق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «باش جىنايەتچى » دەپ قارايدۇ، ئەمما ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ساغلاملىق » ژۇرنىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ بەدەندىكى ياغنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.
شىۋېتسىيە ئالىملىرى ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، كۈندە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللار ئىستېمال قىلمايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا سەمرىمەيدىكەن. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە، سۈت ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان لىنولېئىك كىسلاتاسى بەدەندىكى ياغنى ئازايتىدىكەن. ئامېرىكىلىق ئوزۇقلۇقشۇناس ماك زېمىلنىڭ تەتقىقاتىمۇ بۇ قاراشنى دەلىللىدى.
سۈت ياكى پىشلاق، مارۇژنا دېگەندەكلەرنى كۈندە مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved