تۈنۈگۈن شىنجاڭدىكى 29 جايدا تېمپېراتۇرا ℃35تىن يۇقىرى بولدى

شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاپتاپتىن توسۇش ئەينىكى، ئاپتاپتىن توسۇش قالپىقى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، مۇزلىتىلغان سۇ، تاۋۇز، سايە جاي، سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى ... بۇلارنىڭ ھەممىسى 25-ئىيۇن شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىسسىق ئۆتۈشتىن ساقلىنىدىغان مۇھىم «قورالى» بولۇپ قالدى. بۇ كۈنى شىنجاڭدىكى 29 جايدا تېمپېراتۇرا ℃35تىن يۇقىرى بولدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى ئەمەلدارى دوۋ شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىغانلىقتىن 24-ئىيۇندىن باشلاپ شىمالىي، شەرقىي شىنجاڭدىكى 18 جايدا ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. 25-ئىيۇن بۇ خىل ھاۋا ماسسىسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تەسىر دائىرە كېڭىيىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 29 جايدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان ۋىلايىتى بۇ جەھەتتە ئۇدا ئىككى كۈن ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، 25-ئىيۇن تېمېپراتۇرا ℃42.1 قا چىققان، پىچاندىكى تۇيۇق چوڭ جىلغىسىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەتتا ℃43.1 بولغان.
يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى تېخى ئاياغلاشقىنى يوق. دوۋ شىنيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن (26-ئىيۇن) بورتالا ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى، بايىنغۇلىننىڭ جەنۇبى، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقى، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃37تىن يۇقىرى بولىدىكەن، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىدا بولسا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 تىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن.
يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا 24-ئىيۇندىن باشلاپ يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. 25-ئىيۇن سائەت 17:00گىچە، ئاتۇشنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى 20.8 مىللىمېتىر بولغان.
دوۋ شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۈگۈن(26-ئىيۇن) ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىمۇ ئاياغلىشىدىكەن. 26-ئىيۇندىن 27-ئىيۇن سەھەرگىچە ئىلى دەريا ۋادىسى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىملىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا ئازراق ياكى ئوتتۇاھال يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ۋادىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەربىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەرنىڭ شەرقىي جەنۇبى، ئاقسۇنىڭ غەربى، شىمالى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، بەزى جايلاردا يامغۇر بىلەن تەڭ چاقماق چېقىش، مۆلدۈر يېغىشتەك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
26-06-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
      نوبېل ئىقتىساد پەنلىرى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مىلتون (Milton Friedman) بۇرۇن مۇنداق دېگەن: پۇل پاخاللىقى جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىقتىسادى پائالىيىتىگە چۈشكەن ۋابا. ئەگەر بۇنىڭغا ئىشسىزلىق نىسبىتى قوشۇلىدىغان بولسا بۇ خىل ئەھ...
03-02-2016
       2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، سايباغ مۇھىت تەكشۈرۈش پونكىتى، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 74-ئوتتۇرا مەكتەپ، يۇقىرى يېڭى تەرەققىيات رايونى تۆمۈر يول ئىستانسىسى، شىمىگو راي...
28-01-2016
     يېقىندا ئاز كۆرۈلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تايلاندقا ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ تېمپراتۇرسىنى بارا-بارا تۆۋەنلىتىپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەد...
26-01-2016
    25-يانۋار، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلغان «جوناس» ناملىق قار-شىۋىرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا قارلار دۆۋىلىنىپ قاتناشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
25-01-2016
        تۈنۈگۈن كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، خېنەن ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھىرى لۇڭخەي تۆمۈر يولى ئەتراپىدىكى بىر ئىسكىلاتىغا ئوت كەتكەن. شامال كۈچلۈك بولغاچقا، ئوت ناھايىتى تېز يامرىغان بولۇپ، جېڭجۇ ئوتتىن مۇداپىئەلىنى...
25-01-2016
          دەرىجىدىن تاشقىرى سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىىكى نۇرغۇن جايلاردا تېمپۇراتۇرا تۆۋەنلەش، قار يېغىش، مۇز تۇتۇش، قاتتىق بوران چىقىش قاتارلىق ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، يەر...
22-01-2016
 جۇڭگودا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئامېرىكىغىمۇ «زومىگەر دەرىجىلىك» جۇدۇننىڭ شەپىسى كەلدى. ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش سوغۇق ئېقىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي قۇتۇپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ جەنۇبتا تېرىغان «بالاسى».   ياپو...
22-01-2016
     يېقىندىن بۇيان ھاۋا ھەقىقەتەن ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، مەكتەپكە بېرىش ياكى خىزمەت ئىشى بولمىسا ھەرگىز سىرتقا چىققۇڭىز كەلمەيدۇ. بۇنداق سوغۇق ھاۋادا بىر قىسىم ئامېرىكا كىشىلىرى يەنىلا مۇنداق قىزىقارلىق ئىشلارنى ئۇنت...
21-01-2016
        خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.   20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
21-01-2016
       كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن، خاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 21-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس توختىتىشنى قارا قىلغان.
Powered by Leglek