تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ۋېنگرىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرى 26-يانۋار ئەنقەرەدە ۋېنگرىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكىگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك سۆھبەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە 1987-يىلى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان، 1999-يىلى نامزات دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، 2005-يىلى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتىنى باشلىغان. تۈركىيە ھازىرغىچە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشدىكى 35 تۈرلۈك شەرتنىڭ 10 دىن كۆپرەك تۈرنى ئورۇنلىغان.
2013-يىلى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشقا ئالاقىدار يېڭى يىللىق باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى سۆھبەتنى قايتدىن باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved