ئامېرىكا تاراتقۇلىرى:ئائىلىسىدىن ئايرىلىش بېسىمى جۇڭگولۇق ئەمەلدارلارنى ئاشنا ئويناشقا مەجبۇر قىلغان

نۇرلۇق تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا "نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى" تورىدا 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىلغان: جۇڭگو كومۇنېستىك پارتىيەسىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىدىن بىرى – ئەمەلدارلارنى ئۆز يۇرتىدىن يىراق يەرلەرگە يۆتكەپ ۋەزىپىگە قويۇش سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئەمەلدارلار ھېسسىي تۇرمۇش جەھەتتە زور قىيىنچىلىققا يولۇققان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ناشايان قىلىقلار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىغان.


مەركېزى پارتىيە مەكتىپى ژۇرنىلى"ئۆگېنىش گېزىتى" دە، چىياۋ سۈي شىيانىڭ ھەمكارلىقىدا تاماملىنىپ ئىلان قىلىنغان بىر ئىلمىي ماقالىدە يېزىلىشىچە، 450 نەپەر ئەمەلدارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سېستىمىلىق تەكشۈرۈشتىن نەتىجىلىنىشىچە: "يىرىمدىن كۆپرەك ئەمەلدار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۆزگە يۇرتلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئوتتۇرىچە ئۆزگە يۇرتتا ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى 5.5 يىل بولغان.75.6% ئەمەلدار ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئائىلىسىدىكلەر بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان."


ئىلگىرى پارتىيە مەكتىپىدە 16 يىل خىزمەت قىلغان شەندۇڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتى ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىياۋ سۈي شىيانىڭ دېيىشىچە، نۇرغۇن ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى ئاشنا ئويناش قىلمىشلىرىغا چېتىلغان. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ "ئەمەلدارلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى" نى تەتقىق قىلىش خىيالىنى پەيدا قىلغان.


چىياۋ سۈي شىيا ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: "بىر قىسىم ئەمەلدارنىڭ ھېسسىي تۇرمۇش جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقلىرىنىڭ خىزمەت شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئۇزۇن مەزگىللىك ھىجران ئازابى غا تولغان تۇرمۇشنىڭ ھېسيات جەھەتتە ئېلىپ كەلگەن بېسىمى ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇش كىرزىسلىرىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان ئامىلدۇر".


ئۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن:" ئەمەلدارلار ئۆزگە يۇرتلاردا ۋەزىپە ئۆتىمىگەندىمۇ، "ئۆيىنى ئۇنۇتقان" ھالدىكى خىزمەت رىتىمى ۋە ئۇسلۇبى ئۇلارنىڭ نورمال ھالەتتىكى ئائىلە تۇرمۇشىدىن يىراقلاپ، زىممىسىدىكى ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىمىزدىن ئايان بولۇشىچە، پەقەت15%ئەمەلدارلا پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئاتا – ئانا يېغىنىلىرىغا قاتنىشالىغان. ئەڭ مۇھىمى، 20% ئەمەلدار ئەزەلدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىرتلارغا چىقىپ ئارام كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغان".


چىرىكلىكنى ئازايتىش مەقسىتىدىكى، پارتىيەنىڭ ئەمەلدارلارنى تونۇش – بىلىش، قوللىغۇچىلىرى بولمىغان ناتونۇش رايۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇزاق مەزگىللىك ئايرىلىپ تۇرۇشۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
چىياۋ سۈي شىيانىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 94.8% ئەمەلدار دائىم "قاتتىق بېسىم " ھېس قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 49% ئەمەلدارنىڭ ئىيتىشىچە ئۇلار "يۇقىرى ياكى ناھايىتى يۇقىرى بولغان خىزمەت بېسىمى" غا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن ئىكەن.63.2% ئەمەلدارنىڭ ئاساسلىق بېسىمى ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ قالايمىقانچىلىقىدىن كەلگەن.


ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى قانچىلىك بېسىمغا ئۇچىراۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىلىرىنى جازالاشتا يەنىلا قاتتىق جازالاش لۇشىيەنىدە تۇرۇپ كەلگەن. "ئاشنا ئويناش" تىن ئىبارەت چىرىكلىك قىلمىشىغا بولغان ئېنىقلىما ۋە جازانى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ،ئىلگىرىكى "ئەخلاقى بۇزۇلۇش" دەپ ئاتىلىپ كەلگەن قىلمىش ئۈستىگە قويغان.


"جىڭخۇا گېزىتى" يېقىندا خەھەر قىلىشىچە، 2012 – يىلى يىىل ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ يىلى 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنىگىچە پۈتۈن مەملىكەتتە جەمئىي 241 نەپەر چوڭ – كىچىك ئەمەلدار "ئاتتىن چۈشۈرۈلۈپ" ئەدىلىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 48 ئادەم مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەرىپىدىن چوقۇم بىنورمال ئەر – ئايال مۇناسىۋىتى بار دەپ بېكىتىلگەن. يىرىمىدىن ئازراق، يەنى 19 ئەمەلدارنى "چوقۇم ئاشنا ئوينىغان" دەپ ئېنىق بىكىتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 13 نىڭ ئاز دېگەندە 3 تىن ئاشنىسى بولغان.


تاراتقۇلار دۆلەتلىك مەمۇرىي ئىنىستىتۇتى پروفېسسورى ۋاڭ يۈ كەي نىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ: "18 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن بىرى، ئاشنا ئويناش ۋە بىنورمال ئەر – ئايال مۇناسىۋەتلىرى تۇرمۇش ئىستىلى مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئاللىبۇرۇن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم نوقتىغا ئايلاندى"دېگەن.



خەتكۈچلەر:
16-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek