ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي پار بېرىلىدۇ

9 – ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە، بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 0 دىن ئېتىبارەن رەسمىي پار بېرىلىدىكەن، پار بىلەن تەمىنلەش باشلانغاندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەمگە يەتمىسە، قارىمىقىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن، ناۋادا قارىمىقىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى كۆرۈلگەن مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلمىسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ قىزىق لىنىيەسى 2811532 گە تېلېفون بېرىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلسا بولىدىكەن.

پار تۇرۇبىلىرى كونىراش، تۇرۇبا دىيامېتىرى ماسلاشماسلىق ياكى ئۆيدىكى پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىدىن كاشىلا كۆرۈلۈش سەۋەبلىك ئۆي ئىچى ئىسسىمىسا، ئاھالىلەر دەرھال ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى خوجىلىق بۆلۈملىرىگە كىرىپ، مەسىلىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى كېرەككەن.


پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى خالىغانچە بۇزۇۋېتىشىگە، يۆتكىۋېتىشىگە ياكى قوشۇپ ياسىۋېلىشىغا، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنى يوشۇرۇشىغا، پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىگە ئىسسىق سۇ ئايلاندۇرۇش ئەسۋابىنى سەپلىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىكەن. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇنلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن، شەخسلەرگە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، شەھەر ئاھالىلىرى پار ھەققىنى توختامدا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرۇشى شەرت ئىكەن. قەرەلىدە پار ھەققىنى تاپشۇرمىغان ئاھالىلەرگە جەرىمانە قويۇلىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
11-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    رۇسىيە مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ بازىرى ئانالىزى ھەمدە مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ سېتىش مىقدارى %36.2 ئاشقان، 5 مىليارد 210 مىليون لېتىردىن 7 مىل...
02-05-2016
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك -سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ نېنى» كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ نانغا تەخمىنەن 40 كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سەرپ قىلىنغا...
02-05-2016
     جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چىكاكودىكى بىر ئايال ستارباكس (Starbucks) تىن ئىچىملىك سېتىۋالغاندا، ئىچىملىككە قوشۇلغان مۇز پارچىسى بەك...
29-04-2016
   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ئالمىنىڭ باھاسى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ئالتە يۈەن، توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن بولدى. 28-ئاپرېل مۇخبىر...
29-04-2016
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى ئادەملەر 80 ياشقىچە ياشىيالىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلىگەنگە ھېساب. لېكىن، تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئىنسانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان ھايۋاناتلاردىن زاد...
28-04-2016
     يېقىندا بىر تۈركۈم ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدىغان سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز يېمەكلىك ماي شيامېندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە يۆتكەلدى، بۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋ...
28-04-2016
     ھىندىستان «ئىقتىساد دەۋرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قىسمەن يان تېلېفون ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىند...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ قاتناش لىنىيەسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كىنىشكىسىز تىج...
28-04-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك ش...
28-04-2016
    بىر بېلىق دۇكىنى 27-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرى لىنخې كوچىسى بىلەن دۇڭنەن كۆلى چوڭ يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىدا ئاشخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا پۈتۈنلەي بېلىق ئېسىپ بېزەۋاتىدۇ. ئاشخانا مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىنىڭ سىرتقى تېمى ...
Powered by Leglek