زىدانىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

     1-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، 2015-2016 مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 19-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان قىززىق نوقتلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاق كىيىملىك قوشۇن-خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانى بېرنابودا لاكېرۇنا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 18 ئايلانما مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 11 مەيدان يېڭىپ، تۆت مەيدان تەڭلىشىپ ۋە ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ 37 نومۇر بىلەن بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە ۋاقىتلىق 3-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. لاكېرۇنا كوماندىسى بولسا ئالتە مەيدان يېڭىپ، توققۇز مەيدان تەڭلىشىپ ۋە ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ 27 نومۇرغا ئېرىشىپ 7-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ئىككى كوماندىنىڭ تارىختىكى مۇسابىقە ئەھۋالى: خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن لاكېرۇنا كوماندىسى ئىلگىرى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسدە 86 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 49 مەيدان يېڭىپ، 19 مەيدان تەڭلىشىپ، 18 مەيدان ئۇتتۇرۇپ بۇ جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئۆز مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 36 مەيدان يېڭىپ، بەش مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان. ئىككى كوماندا ئالدىنقى قېتىم 2014-2015 مۇسابىقە پەسىلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 23-ئايلانمىسدا ئۇچىراشقان، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 2 : 0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇب قىلغان.

      فرانسىيەلىك چولپان زىدانى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ: ئالدىنقى ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا 2 : 2 نەتىجىدە شەپەرەڭ قۇشۇن ۋالىنسىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن، كۇلۇب رەئىسى فىلورىنتىنو دەرھال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مەشقاۋۇل بېنتېزنى خىزمىتىدىن بۇشاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن زىدانى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولدى. زىدانى خان جەمەتى مادرىد يۇقۇرى قاتلىمى بىلەن ئىككى يېرىم يىللىق توختام ئىمزالىدى. مانا ئەمدى زىدانى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھازىر كۆپلىگەن توپ مەستانىلىرى بۇ قىززىق نوقتلىق مۇسابىقىگە دىققەت قىلماقتا، ئىلگىرىكى نەچچە ئايدا بېرنابودىكى بېلەت سېتىش ئانچە ياخشى بولمىغان بولۇپ، زىدانى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولۇپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتا بېلەت ئاللىقاچان سېتىلىپ تۈگكەن.

      خان جەمەتى مادرىد ئالدى ۋە ئوتتۇرا مەيدان گۇرۇپپىسى رەقىبىگە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغامدۇ؟ مەشقاۋۇل بېنتېز دەۋرىدە گېرمانىيەلىك توپچى كىروس ئوتتۇرا مەيداندا ئالاھىدىلىكىنى ئانچە ياخشى جارى قىلدۇرالمىغان. كولومبىيەلىك داڭلىق توپچى خامىس رودىرىگۇسمۇ ئانچە ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان. كوماندىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق مەرگىنى كىرىستىئانو رونالدومۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئۇچىراشقاندا ئىپادىسى ياخشى بولمىغان. بېنتېزنىڭ غەلىتە سەپ شەكلىدىن توپچىلار ئۆز ئورنىنى تاپالمىغان. خەۋەرگە قارىغاندا، يېڭى مەشقاۋۇل زىدانى BBC گۇرۇپپىسىنى (كىرىستىئانو رونالدو، بېنزېما ۋە بېل) تولۇق مەيدانغا چىقىرىدىكەن، خامىس رودىرىگۇس، كىروس ۋە مۇدىرچ بۇ ئۈچ ئوتتۇرا مەيدان توپچىمۇ مەيدانغا چىقىدىكەن، بۇلار خان جەمەتى مادرىد توپ مەستانىلىرى مەيداندا كۆرۈشنى ئەڭ خالايدىغان توپچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدو 2016-يىلىدىكى  تۇنجى توپىنى ئۇرالامدۇ؟ 2015-يىلى كىرىستىئانو رونالدو بىرمۇ لوڭقىغا ئېرىشەلمىدى. بىراق ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى ئاز ئەمەس، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسدا 54 توپ، پورتۇگالىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسدا ئۈچ توپ، بىر يىلدا جەمىي 57 توپ كىرگۈزدى. ئۇ دۇنيادىكى كەسپىي پۇتبولچىلارنىڭ ئىچىدە يىللىق كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ مەرگەن ھېسابلىنىدۇ. 2013، 2014 ۋە 2015 يىلى ئۇ ئۇدا ئۈچ يىل «يەر شارىدىكى بىرىنچى مەرگەن» بولدى. ئۇ 2016-يىلىدىكى تۇنجى مەيدان ۋالىنسىيە كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزەلمىدى، ئەمدى لاكېرۇنا كوماندىسىغا توپ ئۇرۇپ يېڭى يىلدا ياخشى باشلىنىش قىلالامدۇ؟ توپ مەستانىلىرىنى جەلپ قىلغان بۇ قىززىق نۇقتلىق مۇسابىقىنى كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ......



زىدانىنىڭ ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلى: 433 (پەرەز)

ناۋاس (ۋاراتار) دانىلو، راموس، ۋارانېي، مارسېلو، مۇدىرىچ، كىروس، خامىس رودىرىگۇس، بېل، بېنزېما، كىرىستىئانو رونالدو



خەتكۈچلەر:
09-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek