بىرما زۇڭتۇڭى تىيىنسېن 17- فېۋرال زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، شۇ كۈندىن باشلاپ گوگەن ئاپتونوم رايونىدا 90 كۈن جىددىي ھالەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، ھەمدە شۇ يەرنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ھەربىي ئىشلار بىلەن باشقۇرۇشنى جاكارلىدى. يېقىندا، توقۇنۇش بولغان بۇ رايوندا كۆپلىگەن پۇقرالار جۇڭگوغا قېچىپ كەلدى، ئەگەر بۇ ئەھۋال داۋاملىشىدىغان بولسا، جۇڭگو بىرما چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىرما زۇڭتۇڭى تىيىنسېن ئىمزالىغان زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلدى: گوگەندىكى قوراللىق تەشكىلاتنىڭ 9- فېۋرالدىن باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتى شۇ يەرنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. 12- فېۋرالدىن باشلاپ كېچىدە يول يۈرۈش مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ بىراق ۋەزىيەتنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىشىنى توسۇپ قالالمىدى.
شۇ يەردىكى مەمۇرىي ئورگانلار مەسئۇلىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلالمىدى. شۇڭا، زۇڭتۇڭ ئاساسى قانۇنغا ئاساسەن، پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گوگەن ئاپتونوم رايونىدا جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇشنى جاكارلىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved