خەلقئارا تېز لىنىيسى ماقالىسى:
ئەنگىلىيە ‹ئەينەك گېزىتى› نىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ، گىرمانىيە ئالىمى يېڭى زىنلاندىيە ئەتراپىدىكى تاسمان دېڭىزىنىڭ سۇ يۈزىدىن 1000مېتىر چوڭقۇر يېرىدە ، بىر خىل تۆت كۆزلۈك غەلىتە بىلىقنى بايقىغان.
بۇ بىلىقنىڭ كۆزى 360 گىرادۇسلۇق كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ ، بۇ بىلىقنى بايقىغان ئالىملار ، بۇ بىلىقنىڭ كۆزى ،ئۇلارنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭلاردىن پايدىلىنىپ ، ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى كۆرىشىگە ، يېمەكلىك ئىزدىشىگە ، ۋە جۆرە تېپىشىغا ياردەم قىلالايدۇ دەپ قارىغان.
بۇخىل بىلىق ئاساسلىقى 800مېتىردىن 1000مېتىرچە بولغان چوڭقۇرلۇقتىكى سۇدا ياشايدىغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىككى چوڭ كۆزى ،ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ غۇۋا جايلارغا يۇشۇرۇنغان يېمەكلىكنى ۋە ئولجىنى كۆرسىتىپ بىرىدىكەن، ئۇنىڭ باش قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن كۈمۈش رەڭلىك كۆزى بۇلۇپ ، بۇ كۆز ئارقىلىق ئۇ ئۆز بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمىنى ئېنىق كۆرەلەيدىكەن .بۇ تۆت كۆز قۇشۇلۇپ بىلىقنى تولىمۇ غەلىتە قىلىپ كۆرسىتىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved