رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن 7- ئاپرېل كېرىمىل سارىيىدا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.
پوتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، رۇسىيە جۇڭگو ھەمكارلىقى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مۇقىملىق ئامىلىغا ئايلاندى. رۇسىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا رۇسىيەگە زىيارەتتە بولۇشىنى ھەمدە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى قارشى ئالىدۇ. رۇسىيە جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى بىرلىكتە قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى قەتئىي قوللايدۇ.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پوتىن جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى يۇقىرى قاتلام لايىھەلەپ، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ماسلاشقان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشتا يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتلىنىش ھەمدە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كېرىشىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىپ ، بىر بىرنى قوللىشىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ساقلاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىنى پايدىلىق تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى تىكلەپ بەردى. ئىككى تەرەپ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ھالقىغان يولنى قۇرۇشنى، ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئىچىپ، يېڭى ھەمكارلىق سەھنىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك . 2- دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved