شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.شىنخۇا تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى پاكىستاننىڭ ئىسلامئابادتىن بەرگەن خەۋىرى .پاكىستان ھەربىي تەرەپ 16-چېسلا غەربىي شىمالىدىكى ۋەزىرىستان قەبىلىسى تەرەپتە بولغان ھەرىكەتتە ئاز بولغاندا ئۈچ نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .
پاكىستان تەرەپ چۈشەندۈرۈش بېرىپ ،ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شۇ كۈنى ۋەزىرىستان قەبىلىسى رايونىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ،قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان ،ھەمدە جەمئىي 7 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ،ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرەپتىن 3 ئادەم ئۆلۈپ 4 ئادەم يارىلانغان .پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شۇ كۈنى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ شۇ جايغا يۇشۇرۇنغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بازىسىنى پارتلاتقان ھەمدە پارتلاشتا 27 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر ئۆلگەن .
مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ پاكىستان ئارمىيىسى ۋەزىرىستان قەبىلىسى رايونىغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا يۇشۇرنىۋالغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بۇلۇپ ،پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ مۇخبىرلارغا دېيىشىچە قىسقىغىنە نەچچە كۈن ئىچىدە 1200دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇرلار ئېتىشىشتا ئۆلگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved