جاھان ئاگېنتلىقى 2-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پايتەخىت باغدادتىكى ئاممىۋى ئورۇنلاردا بومبا پارتىلاپ 11 كىشى ئۆلگەن. ، ساقچى مەسئۇللىرى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، پەيشەنبە كۈنى ئاپتۇبۇس بېكىتىگە يېقىن بىر جايدا بومبا قاچىلانغان ماشىنا پارتىلاپ 8 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە 18 كىشى يارىلانغان دېدى.
بۈگۈن ئەتتىگەن باغدادنىڭ شىمالىدىكى ھۈسەينىيە رايۇنىدا بىر ئاشخانا ئەتراپىدا بومبا پارتىلاپ 3 كىشى ئۆلدى ۋە 8 كىشى يارىلاندى.
ئىراقتا ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم بومبا پارتىلىتىش ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئىراقنىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن رايۇنلارنى ئىگىلەپ تۇرىۋاتقان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى نۇرغۇن ھۇجۇملارنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved