جاھان ئاگېنتلىقى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە چېگرا رايۇنىدىكى بىر بازاردا ئەل قائىدە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى نۇسرەت فرونتى بىلەن تېرور تەشكىلاتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قۇراللىقلىرى ئارىىسدا توقۇنۇش يۈز بەردى، توقۇنۇشتا ئېغىر تىپتىكى قۇراللار ئىشلىتىلدى. لىۋاننىڭ سۇرىيە چېگرىىسدىكى تاغلىق رايۇندىكى بىر بازاردا نۇسرەت فرونتى بىلەن تېرور تەشكىلاتى ISIS قۇراللىقلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. لىۋان ئارمىيىسى، توقۇنۇش يۈز بەرگەن تاغلىق رايۇنغا يېقىن ئەتراپتىكى كان زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىشقا بېرىشقا رۇخسەت قىلمىدى. نۇسرەت فرونتى، سۇرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيسىى بولغان «فەتىھ ئارمىيىسى» گە قاتناشقان گۇرۇپپىلاردىن بىرى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved