ئۆي ئىجارىگە بېرىش كىنىشكىسى تۈزۈمى بۇ يىل ئۈرۈمچىنى قاپلايدۇ


ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەندە چوقۇم ئۆي ئىجارە بېرىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشى كېرەك ئىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جەمئىيەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆچمە نوپۇس ۋە ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش مەخسۇس تەربىيەلەش سىنىپى 15-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دا دەرس باشلىغان بولۇپ، پۈتكۈل شەھەردىكى 2000دىن ئارتۇق ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش خادىمى بۇ تەربىيەلەش سىنىپىدا كۆچمە نوپۇس ۋە ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىنىپ، ئۆي ئىجارىگە بېرىش كىنىشكىسىنى ئومۇميۈزلۈك تارقىتىشقا ئاساس سالىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش ۋە كۆچمە نوپۇس مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىجارە ئۆيلەنى تىزىملاپ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ «نىزام» ۋە «چارە»دە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىجارە ئۆيلەرنى تىزىملاپ رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە شەرت ۋە ئۆلچەمگە توشىدىغان ئۆي ئىگىدارلىرىغا ئىجارە بېرىش كىنشكىسى تارقىتىپ بېرىدىغانلىقى، ناۋادا تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرمىغان، مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتمىگەنلەرگە ئۆي ئىجارىگە بېرىشنى باشقۇرۇش ئورنى قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقى ھەمدە يۇقىرى بولغاندا ئايلىق ئىجارە ھەققىنىڭ بەش ھەسسىسىگىچە جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆز ئالدىغا ۋە قالايمىقان سېلىۋالغان، ئامانلىق يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۈت بولغان بەش تۈرلۈك قانۇنسىز سېلىنغان ئۆيلەرگە ئىجارىگە بېرىش كىنىشكىسى بېجىرىلمەيدىغانلقى بەلگىلەنگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆچمە نوپۇس ۋە ئىجارە ئۆي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش تورى (wlmqsfwzlfwgl.com) بۇ يىل مايدىن باشلاپ رەسمىي ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆينى رويخەتكە ئالدۇرغان ئۆي ئىگىدارى بۇ تور بېكەت ئارقىلىق ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆينىڭ ئۇچۇرىنى ئېلان قىلسا بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
23-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
11-05-2016
    كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بۇ داچا ھوللېۋودتىكى چولپانلار يىغىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 2787 كىۋادرات كېلىدىغان بۇ داچىدا 10 ھۇجرا ئۆي بار ئىكەن، بۇ ئىلگىرى ئامېرىكىلىق ئايال چولپان بابارا. سترىېساندنىڭ...
10-05-2016
    بۇ يىل 1-ئايدا بىز مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساتيا نادېللانىڭ ۋاشىنگىتون ئىشتاتىنىڭ Clyde Hill شەھىرىگە جايلاشقان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنى ساتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق، Gee...
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
Powered by Leglek