شىنجاڭ مۇسۇلمانچە تائاملار بايرىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

2014 – يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسى ۋە سودا يىغىنى ھەمدە 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائاملار مەدەنىيەت بايرىمى (قىسقارتىپ يېمەكلىك كۆرگەزمىسى ۋە سودا يىغىنى) نىڭ ئېچىلىشىغا يەنە بەش كۈن قالدى. 18 – ئۆكتەبىر مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن تائام بايرىمىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى ئىگىلىدى.

 


يېمەكلىك كۆرگەزمىسى ۋە سودا يىغىنىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

 


18 – ئۆكتەبىرگىچە، 26 دۆلەت ۋە رايوندىكى 153 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆرگەزمە ئورنىدىن 234 نى ئالدىن زاكاز قىلغان بولۇپ، بۇ ئەسلىدىكى بېكىتىلگەن چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلارغا بېرىلىدىغان 150 كۆرگەزمە ئورنىدىن ئېشىپ كەتكەن.


بۇ 26 دۆلەت: مالايشىيا، قازاقىستان، تۈركىيە، ئۇكرائىنا، كامبودژا، فىرانسىيە، ئەزەربەيجان، كورىيە، ئاۋسترالىيە، ئۆزبېكىستان، يېڭى زېلاندىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، گىروزىيە، تايلاند، ئامېرىكا، قىرغىزىستان، لائۇس، ئىتالىيە، شىۋېتسارىيە، مولدوۋا، سىرلانكا، پاكىستان، موڭغۇلىيە، سېنگاپور، گېرمانىيە ۋە تەيۋەن رايونىدىن ئىبارەت.


بۇ نۆۋەتلىك يېمەكلىك كۆرگەزمىسى ۋە سودا يىغىنى ئاساسلىقى ‹‹سودىنى نامايان قىلىش، كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇش، مۇنبەر ئۇچرىشىشى، خەلقئارالىق ئالاقە، ساياھەت تونۇشتۇرۇش، باھالاش، يۈرۈشلەشكەن پائالىيەت›› تىن ئىبارەت 7 بۆلەككە بۆلۈنگەن. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ‹‹يىپەك يولى تائام مەدەنىيىتى . ئۈرۈمچى مۇنبىرى››، ‹‹2014 – يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسى ۋە سودا يىغىنى ھەمدە 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائاملار مەدەنىيەت بايرىمى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى››، ‹‹يىپەك يولى يېمەكلىك كەسىپلىرى بىرلەشمىسى›› ئارقىلىق ‹‹يىپەك يولى يېمەكلىك كەسىپلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى›› ۋە پائالىيەت باشلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلار سودىسى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

 


8 تۈز جىننېس دۇنيا رېكورتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ

 


بۇ نۆۋەتلىك يېمەكلىك كۆرگەزمە ۋە سودا يىغىنىدا 8 تۈر دۇنيا جىننېس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.


يېمەكلىك كۆرگەزمە ۋە سودا يىغىنىنى شىنجاڭ ئالاھىدە يېمەك – ئىچمەك كەسپى تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو ئاشپەزلىك جەمئىيىتى، جۇڭگو قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئوبوروتى جەمئىيىتى بىرلىكتە باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان.



خەتكۈچلەر:
21-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek