گوئاردىئوۋلانى ئىنگلاند بىرلەشمىسىدە نېمىلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟

     گوئاردىئاۋلانىڭ ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىگە بېرىشى ئۇ ئاشكارلىمىغان تەقدىردىمۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ ھېچقانداق مەخپىيەتلىك ھىساپلانمايتى .

       گوئاردىئاۋلا ئىنگلاند بىرلەشمىسىدىن باشقا نەگە بارىدۇ؟ بەش چوڭ بىرلەشمە ئىچىدە گوئاردىئاۋلاغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنى ئىنگلاند بىرلەشمىسى. چۈنكى ئىنگلاند بىرلەشمىسىدە پۇل بار. رىقابەت كەسكىن. يەنە بىرگە تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغان نۇقتىسىغا ئايلىنالايدۇ.

     پۇتبول سەھنىسىدە بۇرۇن بىر قىسىم مەشقاۋۇللار نۇرغۇنلىغان زەردار كۇلۇبلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، شۇ مەشقاۋۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن كوماندىلار ھېچقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمىغان. مەسىلەن : خەلقئارا مىلان كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ھىررىرا. مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمغا تەڭلا ئەھمىيەت بېرىدىغان پۇتبول ئەندىزىسىنى ياراتقۇچى مىشېرىس، لىۋىرپول كۇلۇبىنى ئۆز ۋاقتىدا ياۋروپادىكى بىرىنچى ئورۇندىكى كوماندىغا ئايلاندۇرغان پېسىلىي. مىلاننى گۈللەندۈرگەن ساچچى. نەگىلا بارسۇن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان كاپىرو، كىرويىف ، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسى گوئاردىئاۋلادەك قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ باقمىغان. پەقەت گوئاردىئاۋلا قوشۇلسىلا باشقىلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇن بوشىتىدۇ. كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. ئون يىلدىن كىيىن مورىنھو ۋە گوئاردىئاۋلا قاتارلىق مەشقاۋۇللار مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بىر يەرگە جەم بولۇپ زەردار كۇلۇبلارنىڭ ئۆزىنى قانداق ئۇسۇلدا قانداق قوغلاشقانلىقىنى دېيىشىپ پاراڭغا چۈشكەندە چوقۇم ئۇلارنىڭ ھەممىسى گوئاردىئاۋلانىڭ ۋاسىتىسىنىڭ ئاقىلانە ۋە تەلىيىنىڭ ئوڭ ئىكەنلىكىنى ماختىشىدۇ.

يەتتە يىل بۇرۇن بارسېلونا كۇلۇبىغا مەشقاۋۇل بولغاندىن باشلاپ گوئاردىئاۋلا بارسېلونا كوماندىسىنى كىرىزىس ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن يەنە بارسېلونانى 21- ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى كۇلۇبقا ئايلاندۇردى. گوئاردىئاۋلادىكى ئىقتىدار، خاراكتېر، نەزەرىيە ۋە نەتىجە بار بولغان مەشقاۋۇللار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ ياكى ئۇچرىماسلىقىمۇ مۇمكىن. چېلىسى، قوشماق مانچېستېرلارنىڭ  ھەممىسى گوئاردىئاۋلانىڭ كېيىنكى بېكىتى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. باشقا زەردار كۇلۇب ياكى كۇلۇبلارنىڭ ئۇنى تالاشماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەب ئۇلار پۇل چىقىرالمايدۇ. مائاش مەسىلىسى گوئاردىئاۋلاغا نىسبەتەن ئىككىنچى مەسىلە، چۈنكى ئۇ كۆپ مىقداردا پۇل خەجلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەپ شەكلىنى قۇرۇپ چىقىشقا موھتاج. گوئاردىئاۋلانىڭ مىجەزىدىن قىلىپ ئېيتقاندا گەرچە كۇلۇبنىڭ پۇلى بولغان تەقدىردىمۇ گوئاردىئاۋلا شۇ كۇلۇبنى ياراتمىسا ئۇ يەنىلا شۇ كۇلۇبقا بارمايدۇ.

گوئاردىئاۋلانىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ پۇرسەتپەرەسلىكىدىن بولغان ئەمەس. ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقىلار ئېرىشىپ باقمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۆزىدىن بۇرۇنقىلار يېشەلمىگەن قىيىن مەسىلىلەرنى يەشتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ دۇنيادىكى داڭلىق مەشقاۋۇللار قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

گوئاردىئاۋلا رىجىكارد، كىرويىف، ۋانگال قاتارلىقلارغا قارىغاندا تەلەيلىك، چۈنكى ئۇ يېتەكلىگەن بارسېلونا كوماندىسى ياراتقان نەتىجىلەرنى ھېچكىم يارىتىپ باقمىدى. ئۇ پۇتبول ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ھۇجۇمچىسىز سەپ شەكلى بىلەن  توپ كونترول قىلىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىر كوللېكتىپتا پەقەت بىرلا يادرو بولىدۇ دەيدىغان كونا كۆز قاراشلارغا خاتىمە بەردى.

ئەنگلىيەلىكلەر «دۆلەت مۇھەببىتى»نى تەكىتلەشكە ئامراق، باشقىلارنىڭ دۆلىتى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. بىراق گوئاردىئاۋلا ئۇلارنىڭ ئۈچ خىل كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتتى. گوئادرىئاۋلا مەيلى چېلىسى ياكى قوشماق مانچېستېر كوماندىلىرىغا بارسۇن چېىمپىيونلۇق پەقەت ئالدىنقى شەرت. ئەنگلىيەلىكلەر گوئاردىئاۋلا ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى توپ كونترول قىلىش ئۇسلۇبىنى قايتا نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

     ئىنگلاند بىرلەشمىسى بەلكىم ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان  بىرلەشمە بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئىنگلاند بىرلەشمىسى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىرلەشمە.

     ئىنگلاند بىرلەشمىسىدە قىشىلىق ئارام يوق، شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك مەشقاۋۇللار بۇنىڭدىن ۋايسايدۇ. كىلوپ لىۋىرپولغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بەيرېن كوماندىسىمۇ مۇداپىئە قىلالمايدىغان ئالدى مەيداندىكى قىستاپ توپ تالىشىش ئۇسلۇبنى بايقىدى. ئىنگلاند بىرلەشمىسىدە تۆلەيدىغان بەدەللەر يۇقىرى، بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي لىۋىرپول كوماندىسىدىكى يارىدارلار سانىغا يەنە ئۈچ ئادەم قوشۇلدى. پۈتۈن كوماندىدا تۆت ئادەم پەي ياكى مۇسكۇل سوزۇلۇش سەۋەبىدىن ئۇزاق مۇددەت ئارام ئېلىشقا موھتاج.

ئىنگلاند بىرلەشمىسىدە تېخنىكىدىن باشقا كۈچ، تەن قۇۋۋەتلەردە بەسلىشىدۇ، تېخنىكىسى ياخشى بولسىلا غەلىبە قىلىشى ناتايىن. بۇ ئەھۋاللار ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيە بىرلەشمىلىرىدە ئاز ئۇچرايدۇ. ئاجىز كوماندىلار قانچە كۈچلۈك كوماندىغا يولۇقسا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى شۇنچە يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرىدۇ. ئىنگلاند بىرلەشمىدە پۇل كۆپ، لېكىن زور مىقداردىكى ئىگىلىك ھوقۇقى كوماندىلار ئارىسىدىكى كۈچلۈك ئاجىزلىق پەرقىنى تەڭلەشتۈرگەن. بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بەيرېن كوماندىسى كىمنى ئەكېلىشنى خالىسا شۇنى ئەكىلەلەيدۇ. لېكىن ئىنگلاند بىرلەشمىسىدە ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىي ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمىغان توپچىلارغا ئېرىشەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا كوماندىدا ئەسلىدىنلا بار بولغان پۇتبولچىلاردىن پايدىلىنىپ چېمپىيونلۇققا قولغا كەلتۈرۈش ياكى كەلتۈرەلمەسلىكى بۇ مەشقاۋۇلنىڭ ئىقتىدارىنى باھالايدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى.

     ئىنگلاند تاراتقۇلىرىنىڭ كۆپتۈرۈپ تارقىتىش، يالغاندىن ئۇيدۇرما قىلىپ تارقىتىش ئۇسۇلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بارسېلونا كوماندىسىدىكى چاغدا مادرىد تاراتقۇلىرى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئىناۋىتىنى، كاتولونىيە تاراتقۇلىرى بولسا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدايتتى. بەيرېن كوماندىسىدا بولسا گوئاردىئاۋلانى ئەيىبلەش سادالىرى پەقەت ئۇ بەيرېن كوماندىسىنىڭ ئەنئەنىسىنى بۇزغانلىقىدىن ئىبارەت بىر نۇقتىغىلا مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى. لېكىن ئىنگلاند بىرلەشمىسى ئوخشىمايدۇ. مورىنھو، ۋانگال قاتارلىق مەشقاۋۇللارمۇ تاراتقۇلارنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىنىڭ نەتىجىسىدە توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىپ كەتكەن ئىدى. تاراتقۇلار گوئاردىئاۋلانىڭ كېلىشىنى ۋە ئۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا ئاللىبۇرۇن تەييارلىنىپ بولدى.



خەتكۈچلەر:
08-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا 27 كىشىگە «20-نۆۋەتلىك جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالى» بەردى، 5 كوللىكتىپقا «جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالىغا ئېرىشكەن كوللىكتىپ» دەپ نام بەرد...
07-05-2016
    قاتار گەرچە پارس قولتۇقىدىكى كىچىككىنە ئارال دۆلەت بولسىمۇ، لىكىن ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ شۇنچە باي بولۇشىدىكى سىر، بىرى ئېنىرگىيە بايلىقى ئىكسپورت قىلىش يەنە بىرى خەمىد بىن خەلىفە ئو...
06-05-2016
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلىسلىق 43 ياشقا كىرگەن ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى مايكېل روسنىر ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. ئۇ ئاساسىي ...
06-05-2016
    ئەرەب تارىخىدا ئىن بەتتۇتە ئىسىملىق شۇنداق بىر مەشھۇر سايياھ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئىبن بەتتۇتە ئەل تانجى بولۇپ، 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەشنىڭ تانگيېر دې...
06-05-2016
ئەينى يىللاردىكى «گۇگۇمدىكى شەھەر» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ قەلبىگە ئوت سالغان ئېدۋارد! بۇ! بۇ! بەك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق؟! ساقاللىرى ئۆسۈپ، چاچلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتىغۇ! توۋا! بۇ ئىكك...
06-05-2016
    ئامېرىكا ۋاقتى 4-ماي، جۇدى فوستېر چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇردى. ئۇ ئۇچىسىغا كاستوم بۇرۇلكا كىيگەن بولۇپ، چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلاندى، كرسىتىئان سىتۇئارت ئۇنىڭغا ھەمر...
06-05-2016
    يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
06-05-2016
   سەھىپە سۆزى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ...
06-05-2016
    11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشنى قوزغاپ بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى تۇتۇش جەريانى ناھايىتى قېيىن بولۇپ ئاخىرى پا...
05-05-2016
     بۇرۇن بەزى تاراتقۇلار مىلاننىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇل نامزاتىغا پېللېگرىنىنى بىكىتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېللېگرىنىمۇ مانچېستېر شەھەر كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇساب...
Powered by Leglek