بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېڭى نەتىجىلەرمۇ ئۈزۈلمەي ۋۇجۇدقا كېلىۋاتىدۇ. مەنمۇ يېڭى يۇمشاق دېتال بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، بىلوگ يېزىشقىمۇ ۋاقتىم چىقمىدى. يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىمىزدىكى باشقا خادىملارمۇ 4 يۈرۈش يېڭى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالنى تاماملىدى. ئۇلار «تېلېفون دۇكىنى»، «تاللا بازىرى»، «كومپيۇتېر دۇكىنى»، «دورىخانا» قاتارلىق باشقۇرۇش دېتالى بولۇپ، ئالدى بىلەن «ئۇيغۇرسوفت تېلېفون» باشقۇرۇش دېتالىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
تېلېفون سېتىشنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىدا تېلېفون ۋە زاپچاسلىرىنى كىرگۈزۈش، سېتىش ۋە ئامبار باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، دىيارىمىزدىكى تېلېفون ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ. بۇنىڭدا تېلېفوننىڭ تەرتىپ نومۇرى(串码)نىمۇ خاتىرلەشكە بولىدىغان بولۇپ، ئوخشاش ماركا، ئوخشاش رەڭدىكى تېلېفونلارنىمۇ پەرقلەندۈرۈپ ھېسابات قىلىشقا بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئارا يۈزى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئىشلىتىش تېخىمۇ ئاسان. زاكاز قىلسىڭىز ئەلۋەتتە خەنزۇچە ياكى قازاقچە تەڭشەشكىمۇ بولىدۇ.
ئېكران كۆرۈنۈشى مانا:
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved