كانادا كېۋبىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 17 يىلغا سوزۇلغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئەرز قىلىش دىلوسىغا 1-ئىيۇن كېسىم چىقىرىپ، كانادادىكى 3 تاماكا شىركىتىنى كېۋبىك ئۆلكىسىدىكى تاماكا چەككۈچىلەرگە 15 مىليارد 500 مىليون يۈەن (12 مىليارد 400 مىليون دوللار) ئەخلاقىي ۋە جازالاش خارەكتېرلىك تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى، سەۋەبى تاماكا شىركەتلىرى كېلىپ چىقىدىغان زىياننى تاماكا چەككۈچىلەرگە تولۇق ئەسكەرتمىگەن، دېيىلدى.
ئىچىدىكى بىر كوللېكتىپ دەۋادا تەخمىنەن 100 مىڭ كېۋبىكلىق تاماكا چەككۈچى ياكى ئىلگىرى تاماكا چېكىدىغانلار جاۋابكارنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ ئۆزلىرى ساتقان مەھسۇلاتلارنىڭ راك ۋە باشقا كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ سەھىيە تارماقلىرى ۋە ئاۋامنى ئاگاھلاندۇرماي، ئىستىمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى بەدىلىگە پايدا ئالغان، دەپ كۆرسەتتى. يەنە بىر دىلودا تەخمىنەن 900 مىڭ كېۋبىكلىق تاماكا چەككۈچى ئۆزىنىڭ تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئىككى كوللېكتىپ دەۋا 1998-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2012-يىلى 3-ئايدا سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قاراپ چىقىشنى باشلىغان، 43 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك ماتېرىيالنى قاراپ چىقىپ، 76 گۇۋاھچىنىڭ ئىسپات سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 2014-يىلى 12-ئايدا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved