كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ياماتو باش تەتقىقاتچىسى جۇڭگونىڭ 2015-يىللىق دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)نىڭ ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا %6.9 ئاشقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ، GDPنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت بېكىتكەن %7لىك نىشانغا يەتكەنلىكىنى، ئەمما تۆتىنچى پەسىللىك (10-ئايدىن 12-ئايغىچە) ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش ۋەزىيىتى توختىمىغانلىقىدەك ئەھۋالىنى يەنە جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات مەبلىغىدە ئۆرلەش كۆرۈلمىگەن. گەرچە ئىستېمال كىشىگە مۇقىمدەك تەسىرات بەرسىمۇ، ئەمما ئۆرلەش سالمىقى ئاجىز، ئىقتىسادتا جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان پاراۋۇز كەمچىل.
ياسىمىچىلىق جەھەتتە، گەرچە ئاۋىياتسىيە ۋە ئېلېكترون قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىلەن پۈتكۈل ئىقتىسادنى سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئەمگەك زىچلىقى تىپتىكى ئەنئەنىۋى كەسپلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىكى كەمچىلىكنى تولدۇرۇشقا ئامالسىز.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى داۋاملىق پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىش ۋە ئامانەت زاپاس پۇل نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ.
جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى خەلق پۇلىنى سېتىۋالغان ئەھۋالدا، ئەگەر پۇلنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ناچارلاشسا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قەدىمىنى ئاستىلىتىپ تاشلىشى مۇمكىن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved