شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ تېلېگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، دۆلەت تەۋەلىكى فىرانسىيە بولغان بىر مەھبۇس شىۋىتسارىيەدە تۈرمىدىن قاچقان ، قېچىش ئالدىدا تېخى بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ ئۆزىنىڭ ‹‹ئەركىن››كۈن ئۆتكۈزۈشكە بەك ئىنتىزار بولغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ۋەدە بىرىپ چۇقۇم تۈرمىگە قايتىپ كىلىپ داۋاملىق جازا مۇددىتى ئۆتەيدىغانلىقنى بىلدۈرگەن. 4 كۈندىن كىيىن ئۇ دەرۋەقە ياۋاشلىق بىلەن تۈرمىگە قايتىپ كەلگەن.
بۇ مەھبۇس بۇ يىل 38ياشتا بۇلۇپ، 2005-يىلى شىۋىتسارىيەدە بىر پاھىشە ئايالنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن 15يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇ تۈرمە سىرتىدىكى بىر جايغا خىزمەت قىلغىلى ئەۋەتىلگەن بىراق شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن، ئارقىدىن كۆپ دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى دۆلەت ھالقىغان قوغلاپ تۇتۇش ھەركىتىنى قانات يايدۇرغان .
ئۇنىڭ ئاپىسىغا يازغان بىر پارچە خېتىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆزىنىڭ پەقەتلا تۆت -بەش كۈنلۈك ‹‹ئەركىن››ھاۋادىن نەپەس ئېلىشنى ئارزۇ قىلدىغانلىقى ھەمدە كۆپ ئۆتمەيلا تۈرمىگە قايتىدىغانلىقنى يازغان. ئۇنىڭ ئادوۋكاتىنىڭ شىنخۇا ئاگېنىتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بىرشىچە ، مەزكۇر مەھبۇس خېتىدە يەنە تېخى ‹‹قېچىپ يۈرۈش جەريانىدا مەن چۇقۇم قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلمەن››دەپ يازغان.
كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى بولسا بۇ مەھبۇس دەرۋەقە 5-چېسلا كەچتە تۈرمىگە قايتىپ كەلگەن . شىۋىتسارىيە جەنۋە تەرەپنىڭ 6-چېسلا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دىيىلگەن:‹‹دەل ئۆزىنىڭ ئېيتقىنىدەك بۇ مەھبۇس بۈگۈن كەچتە ئۆزى 4 كۈن ئىلگىرى قېچىپ كەتكەن تۈرمىگە قايتىپ كەلدى.››
شىۋىتسارىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دىيشىچە ، بۇ ئەر ھازىر باشقا بىر جايدىكى تۈرمىگە يۆتكەلگەن بۇلۇپ مۆلچەرلىنىشچە بۇ قېتىمقى ‹‹تۈرمىدىن قېچىشى›› تۈپەيلى جازا مۇددىتنىڭ ئۇزارتىلىش مۇمكىنچىلىكى كىچىك ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved