گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپۇرۇس تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى ياۋرو رايونى باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان گىرېتسىيەنىڭ قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېلىشىمى ناھايىتى قاتتىق، ئىجرا قىلغاندىمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئەمما گىرېتسىيەنىڭ ياۋرو رايونىدىن چېكىنىش خېيىم خەتىرى يوقالدى. گىرېتىسيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىپۇرۇس بىريۇسسېلدا ياۋروپا رايونى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: يېڭى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ناھايىتى قاتتىق. ئەمما گىرېتىسيە دۆلەت مۈلكىنى چەتئەل ئاپپاراتلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن شۇنداقلا يۆتكىلىش خاراكتېرلىك يېتەرسىزلىك ۋە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن ساقلىنىپ قالدى. سىپۇرۇس گىرېتسىيە خەلقىنىڭ بۇ كېلىشىمنى قوللايدىغانلىقىغا، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved