مۇخبىرنىڭ 16-نويابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 14-نويابىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئازراق ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا بولغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى باشلىقى ۋاڭ جيەننىڭ ئېيتىشىچە،
مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە كۈنلىرىدە ئۈرۈمچىدە ھاۋا يەنىلا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 20-نويابىرنىڭ ئالدى-كەينىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، تېمپېراتۇرا يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەيدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكى خادىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 17-نويابىر كۈندۈزدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. 18-نويابىردىن 19-نويابىرغىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە قومۇل قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر يېغىپ، كېيىن قارغا ئايلىنىپ،
تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. ئىلى دەريا ۋادىسى ۋە تارباغاتاينىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 18-نويابىر كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 18-نويابىردىكى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىمەيدىكەن. 22-نويابىرنىڭ ئالدى-كەينىدە يەنە بىر قېتىم بىر قەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئاپتونوم رايونىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇل ھەمدە ئاقسۇ ، بايىنغۇلىننىڭ شىمالىدا ئازراق قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا ℃8 ~ ℃5 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved