ئامېرىكىلىق يىگىتنىڭ «قىز كەلتۈرۈش» توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئاۋسترالىيەلىكلەرنى رەنجىتىپ قويدى
ئاۋسترالىيە تورىنىڭ 19 – چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، «قىز كەلتۈرۈش پىرى» دەپ نام ئالغان ئامېرىكىلىق يىگىت جېف ئاللېن ئۆزىنىڭ قانداق «قىز كەلتۈرگەنلىكى» نى سۆزلەپ، ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويغان، ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن. ھازىر ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرى ئۇنىڭ ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئاللېن ئامېرىكىدىكى بىر «جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش» (RSD) ناملىق شىركەتتە ئىشلەيدىكەن، ئۇ بۇرۇن ئاۋسترالىيەدە «قانداق قىلغان قىز كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟» دېگەن تېمىدا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا سۆز قىلىپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، 62 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئۇنى ئاۋسترالىيە چېگرىسىدىن قوغلاشنى تەلەپ قىلغان.
ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرى دۇدۇن مۇنداق دېگەن، RSD نىڭ ئىشچى خىزمەتچىلىرى دېگەن بۇ سۆزلەر ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك بولىدۇ، RSD شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە «ئادەمنىڭ بەكلا ئۆچلۈكى كېلىدۇ».
ئېگىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى 2014 – يىلىلا RSD شىركىتىنىڭ جۇلىئان بلانن ناملىق بىر خىزمەتچىسىنىڭ ئاۋسترالىيەگە بارىدىغان ۋىزىسىنى بىكار قىلغان، چۈنكى ئۇ ئاۋسترالىيەدىكى چېغىدا «قانداق قىز كەلتۈرۈش ۋە قىزلارنى قانداق قىلىپ مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش» توغرىسىدا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا بايانات ئېلان قىلغان. بۇ گەپ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيە خەلقى قىزلارنى كەمسىتكەنلىك ۋە خورلىغانلىق دەپ قارىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرى موررىسون بلاننىڭ ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved