جۇڭشىن تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى
ئاۋىستىرالىيەنىڭ ،مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن يۇلۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئىزدەش مەركىزى 4-چىسىلا ئاخبارات ئېلان قىلىپ ،ئاۋىستىرالىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ بىرلىشىپ ئىككى دېڭىز ئاستى كېمىسى ئاجرىتىپ ،شۇ كۈنى ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى رايونلارنىڭ دېڭىز ئاستىدىن يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى .
ئاۋىستىرالىيە بىرلەشمە ماسلىشىش مەركىزىنىڭ ئېكسپېدىتورى ئوتتۇرىغا چىقىپ ،كۇئالالۇمپۇر مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەر كۆرسەتكۈچىدە ،بىر كىچىك دېڭىز بەلكىم يواقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىشتىن ئىلگەركى ئەڭ ئاخىرقى لىنىيسى بۇلىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئاشكارلىغان .ئاۋىستىرالىيە دېڭىز ئارمىيسىنىڭ ‹دېڭىز قالقىنى ›ناملىق قۇتقۇزۇش كېمىسى 4-چىسىلادىن باشلاپ ،ئامرىكا تەمىنلەپ بەرگەن ئاۋاز دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ ،دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان .بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ئەنەىلىيەنىڭ ‹ئاۋاز قايتۇرۇش ›ناملىق يەر ئاستى ئىزدەش كېمىسىمۇ تەڭ بۇ خىزمەتكە چۈشكەن .ھەممە كىشى قارا قۇتىنىڭ تېزرەك تېپىلىشىنى ئۈمۈت قىلىۋاتىدۇ .
ئىككىى سۇ ئاستى ئىزدەش كېمىسىنىڭ ئارلىقى 240كىلومىتىر بۇلىۋېتىپتۇ . ئاۋىستىرالىيە بىرلەشمە قۇتقۇزۇش مەركىزى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ،‹دېڭىز قالقىنى ›ناملىق بىلەن ‹ئاۋاز قايتۇرغۇچ ،ناملىق دېڭىز ئاستى ئىزدەش كېمىسىنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلىشىۋاتىدۇ ، ئىزدەش ئۈسكۈنىسى سۇ ئاستىنىڭ 3000مېتىردىن 4000مېتىرغىچە كېلىدىغان بۆلىكىدە ئىزدەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ .
قارا قۇتا چىقارغان سىگنالنىڭ ئاجىز بۇلىشىنى كۆزدە تۇتقاچقا سۇ ئاستى كېمىسى بەك ئاستا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ،ۋاقىتنىڭ كەينىگە سۈرلىشىگە ئەگىشىپ ،مالايسىيانىڭ يوقەپ كەتكەن ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتا باتارىيسى تۈگەشكە يەنە بىرنەچچە كۈنلا قالدى .
گەرچە ئەڭ ياخشى ئامال ئاۋال دېڭىز ئۈستىدە تۇرپ ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك جىسىمنى تېپىش بولسىمۇ ،دېڭىز ئىشلىرى تەھلىلىدىن كېيىن ،دېڭز ئاستىدىكى كىچىك بىر گۇمانلىق جاينى ياخشى تەكشۈرۈپ بېقىش بېكىتىلدى ،بىراق ھازىرغىچە يەنىلا ھېچقانداق يىپ ئۇچى تېپىلمىدى .
مۇشۇ سەۋەپتىن دېڭىز ئاستىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى ،4-چىسىلا جەمئىي 10ھەربىي ئايروپىلان ،4تىرانسىپورت ئايروپىلانى ،9 كېمە ئىزدەش خىزمىتىگە قاتناشتى ،ئىزدەش دائىرسى پېپىرىسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 1700كىلومىتىرلىق رايون ،ككلىمى 21مىلىيون 700مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىر كېلىدۇ .
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved