خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى،خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى،خەينەن، گۈيجۇ قاتارلىق بەش ئۆلكە ئاپتونوم رايونغا مەركەزنىڭ 710 مىليون يۈەن تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئاجراتقان.
بۇ پۇل ئاساسلىقى قارا يامغۇر ھۆلچىلىك رامماسون تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىق تۇرمۇشتىن قۇتقۇزۇش، ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، قايتا قۇرۇش ۋە ئاپەتتە بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرىغا نەپىقە پۇلى بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدىكەن.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ماتمو تەيفېڭ بورىنىدىن پەيدا بولغان ئاپەت ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. 25-ئىيۇل سائەت 9 غىچە بولغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭدىكى 106 ناھىيە شەھەر رايوندىكى 1 مىليون 65 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان. ئىككى كىشى قازا قىلغان، ئىككى كىشى يوقاپ كەتكەن. 251 مىڭ كىشى جىددىي يۆتكەلگەن. 2800 دىن كۆپرەك كىشى جىددىي تۇرمۇش قۇتقۇزۇشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن. بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 840 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved