پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى، 5-يانۋار خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە <<يىلپىز ماكانى>> دۆلەتلىك باغچىسىنىڭ باش ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئەمەلدارى مارىيا ئوكۇلېۋا رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رۇسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىملىرى تۇنجى قېتىم فوتوئاپپارات توزىقى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئالماشتۇرغان ھەمدە 2014-يىلى دېڭىزغا يانداش چېگرا رايونىدا ئاز دېگەندىمۇ 30 دەك يىراق شەرق يىلپىزى بىلەن 17 ئارمۇر يولۋىسى (جۇڭگودا شەرقىي شىمال يولۋىسى دېيىلىدۇ)نىڭ جۇڭگوغا بارغانلىقىنى ئېنىقلىغان، 2014-يىلى ئىككى دۆلەت تېخى سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرمىغانىدى. رۇسىيە <<سۈنئىي ھەمراھ>> تورىنىڭ 4-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئوكۇلوۋا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 2013-يىلىدىن باشلاپ دېڭىزغا يانداش چېگران رايوننىڭ جەنۇبىدا يىراق شەرق يىلپىزىنى كەڭ كۆلەمدە تېلېكامېرادا كۆزەتتى، بۇ خىل كۆزىتىش جۇڭگودا 2012-يىلىلا باشلانغانىدى. 2015-يىلى <<يىلپىز ماكانى>> دۆلەت باغچىسىنىڭ ئالىملىرى بىلەن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تۇنجى قېتىم چېگرا رايوندا تەسىس قىلغان ئىككى تەكشۈرۈش فوتوئاپپارات توزىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئالماشتۇردى. بۇ قېتىم يىراق شەرق يىلپىزىنىڭ سانىنى ئېنىقلاپلا قالماستىن، يەنە قانچىلىك يىلپىز بىلەن قانچىلىك ئالمۇر يولۋىسىنىڭ <<قوش دۆلەت تەۋەلىكى>> بارلىقىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يولۋاس بىلەن يىلپىزنىڭ ماكانلىشىش دائىرىسى ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كېڭىيىدىغان تەبىئىي جەريان ئىكەن. دۆلەت باغچىسىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ئولتۇراق رايوننى بەلگە قىلىپ، بۇ مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋانلار جۇڭگو تەرەپكە يۆتكىلىدىكەن.
ئوكۇلوۋا مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەتنىڭ فوتوئاپپاراتلىق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، 2014-يىلى ئىككى دۆلەت جەمئىي سۈرەتكە تارتىۋالغان 78 يېتىلگەن يىراق شەرق يىلپىزى بىلەن توققۇز يىلپىز بالىسىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بۇنىڭ ئىچىدە 31 يىراق شەرق يىلپىزىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئىككى دۆلەتنىڭ فوتوئاپپاراتىدا خاتىرىلەنگەنلىكىنى بېكىتكەن. يەنە رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئاز دېگەندىمۇ 40 تەك يىلپىز چېگرا ئاتلاپ باقمىغان، جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە بۇنداق يىلپىزدىن 13 ى بار. 2014-يىلى <<يىلپىز ماكانى>> دۆلەت باغچىسىدا ئالمۇر يولۋىسىدىن 33 ى بارلىقى ئېنىقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 17 سى جۇڭگودىمۇ خاتىرىلەنگەن. يەنە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدە خاتىرىلەنمىگەن يېتىلگەن يولۋاسلار بايقالمىغان. شۇنداقتىمۇ سۈرەتلەردە خاتىرىلىنىشىچە، جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى <<رۇسىيە تەۋەلىكى>>دىكى ئىككى ئانا يولۋاس ئاسلانلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved