يەمەندىكى چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرلىشاي دەپ قالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 17- مارت رىيادتىن يوللىغان تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەتلىك بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد 17- مارت: «بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ يەمەندىكى ھۈسەيىن قوراللىقلىرىغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، كېيىنكى ۋەزىپە يەمەننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىش» دېگەن.

ئەھمەد تاراتقۇلارغا: «يەمەندىكى قەبىلىلەرنىڭ سالا قىلىشى ئارقىسىدا، بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن ھۈسەيىن قوراللىقلىرى يەمەن-سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپىسى يەمەننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە قايتا قۇرۇشقا ياردەم قىلىش» دېگەن.

ھۈسەيىن (Ḥūthiyyūn) قوراللىقلىرىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەنى يەمەندىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى، دەپ ئەيىبلىشىگە قارىتا، ئەھمەد: «ھۈسەيىن قوراللىقلىرى ئادەملەر توپلاشقان جايغا ۋە پۇقرالارنىڭ ئارىسىغا كۆز بوياپ كىرىۋالىدۇ. ئۇلار پۇقرالارنى قالقان قىلىپ، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالماقچى» دېگەن.

ئۇ:«بىرلەشمە ئارمىيە 15- مارت يەمەننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خۇججا ئۆلكىسىگە جايلاشقان ھۈسەيىن قوراللىقلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلار نىشانىنى بومباردىمان قىلدى، ئۆلۈپ-يارىلانغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ھۈسەيىن قوراللىقلىرى» دېگەن. ئەمما ھۈسەيىن قوراللىقلىرى كونترول قىلىۋاتقان يەمەن دۆلەتلىك خەۋەرلىشىش ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، بىرلەشمە ئارمىيە بىر بازارغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا كەم دېگەندىمۇ 67 ئادەم ئۆلۈپ، 55 ئادەم يارىلانغان.

2014-يىلى 9-ئايدا ھۈسەيىن قوراللىقلىرى يەمەننىڭ پايتەختى سانانى ئىشغال قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغان.

2015- يىلى 3- ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ھۈسەيىن قوراللىقلىرىغا قارىتا «كەسكىن توپان» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان.

بۈگۈنگە قەدەر، ھۈسەيىن قوراللىقلىرى يەنىلا سانا ۋە شىمالدىكى بىر قىسىم مۇھىم بازارلارنى كونترول قىلىۋېتىپتۇ. بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە قەبىلە قوراللىقلىرى يەمەننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھەرى ئادىن ۋە ئۈچىنچى چوڭ شەھەرى تائىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قايتۇرۇۋالغان. 



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    2014-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتا 10 يىللىق ۋىزىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا تاموژنىسى تەرىپىدىن قايتۇرىۋېتىلگەنلىك ۋەقەلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. نوپۇزلۇق كۆچمەنلەر ئادۋوكاتى...
07-05-2016
    بۇ پەسىل ئېنگلاند بىرلەشمسىى ئاخىرلىشىشقا پەقەت ئىككى مەيدان ئايلانما مۇسابىقىلا قالدى. ئېنگلاند بىرلەشمسىدىكى ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ رەت تەرتىپىمۇ ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى. يېقىندا داڭلىق پۇتبول ئويۇنى FIFA16 نى چىقا...
07-05-2016
دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ئون دۆلەت: روسىيە، كانادا، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە برازىلىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ئارگىنتىنا، قازاقىستان ۋە سۇداندىن ئىبارەت. 1. روسىيە: روسىيىنىڭ يەر مەيدانى 17 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولسىمۇ،...
07-05-2016
   5-ئاينىڭ 6-كۈنى، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ توپچىسى نەنشياۋخېڭ بىلەن ئابدۇلئەزىزنى جازالاش قارارىنى ئېلان قىلدى. نەنشياۋخېڭغا 4 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەپ 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەش جازاسى...
07-05-2016
    ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ماي جاكارلىشىچە، سىنگاپور بىلەن ئاۋسترالىيە بىر تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، سىنگاپور كەلگۈسى 25 يىلدا ئاۋسترالىيەگە 2 مىليارد 250 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى مەبلىغى بىلەن تەمى...
07-05-2016
     مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ماي ئېنىقلىشىچە، ئىچكى كابىنتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى 5-مايدىكى تىك ئۇچار يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.     مالايسىيا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزغۇچىلار 6-ماي ...
06-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىققا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك تولۇقلىما سىياسىتى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلدىن باشلاپ بۇغداي، بېدە، ك...
06-05-2016
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە     شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
06-05-2016
    بۇلتۇر نويابىردىن بۇ يىل 21-ئاپرېلغىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە تاموژنا باش مەھكىمىسى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن، خېنەن قاتارلىق نۇقتىلىق جايلاردا ساختا تاماكا ياساش ۋە تاماكا ئەتكەس قىلىشقا زەربە بېرىپ، 21 مىڭ 6...
06-05-2016
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي     تۈنۈگۈن كەچتە مەن ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئاشۇ چاغنى ئەسلەپ، خىياللارغا غەرق بولدۇم، شۇنداق قىلىپ ئىمتىھاندىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئوقۇغۇچىغا ...
Powered by Leglek