خوجىلىق، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى يېڭى بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ

ئۈرۈمچىدە خوجىلىق، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى ئېلىشتا يېڭى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: خوجىلىق مۇلازىمىتى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت، بىراق ئۇنىڭدا بىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىز بىلەن «زىددىيەتلىك» ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: خوجىلىق ھەققى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق مۇلازىمەت ياخشى بولمايدىغان ئەھۋاللار بار. شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مەھەللە - قورۇلاردا ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىنىپ، ئوخشىمىغان مەھەللە - قورۇلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىمۇ ھەرخىل بولماقتا، ھەتتا مۈلۈكدارلار بىلەن خوجىلىق شىركەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلماقتا... ئاھالىلەر بۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇقسا قانداق ھەل قىلىشى كېرەك؟ كىم ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك؟ قانداق ئاساسقا تايىنىش كېرەك؟ كېلەر يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە - قورۇلارنىڭ خوجىلىق ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمىتى ھەققىنى ئېلىش ئۆلچىمىگە دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئاساسلار بار.

«مەھەللە - قورۇلارنىڭ خوجىلىق ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى ئېلىشتىكى يېڭى بەلگىلىمە» كېلەر يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ شەھىرىمىزدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ. خوجىلىق ھەققىنى ئېلىش ۋە مەھەللە - قورۇلاردا توختىتىلغان ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىشتا ئاھالىلەر ھەممىدىن بەكرەك «گەپ قىلىش ھوقۇقى» غا ئىگە.

مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە - قورۇلارنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمىتى ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىگە دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» يېڭى بەلگىلىمىسى كېلەر ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇش ۋاقتى بىر يىل بولىدىكەن.

خوجىلىق باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمىتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، دىققەت نۇقتىسى كۆپ بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا چېتىلىدۇ. شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. شەھەرلىك پارتكوم بۇ يىل ئىيۇندا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ساھە رەھبەرلىرى تۆت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى يېتەكلەپ، مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى ئوخشىمىغان تۈردىكى ئاھالىلەر مەھەللە - قورۇلىرىغىچە بېرىپ تەكشۈرۈپ خوجىلىق مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئامما بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى تەلىپىنى ئاڭلىغان.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «مەھەللە - قورۇلار بىلەن خوجىلىق مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كۈچەيتىشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە كۆرۈپ، بازارغا يۈزلەندۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي نىيەت بىلەن ھەل قىلىش كېرەك».

شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شەھىرىمىزدىكى مەھەللە - قورۇلارنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئاخىرى باشلانغان بولۇپ، 31- ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە - قورۇلارنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى باشلاش يىغىنى ئېچىلىپ، يىغىندا شەھىرىمىزدە «مەھەللە - قورۇلارنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە دائىر پىكىر» تارقىتىلغان ھەم يولغا قويۇلغان.

شەھەرلىك ئىسلاھات، تەرەققىيات كومىتېتى يېتەكچىلىكىدىكى مۇكەممەللەشكەن خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەق ئېلىش باھا مېخانىزمى بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىندى.

يېڭى بەلگىلىمىنىڭ يارقىن نۇقتىسى - خوجىلىق ھەققىنى ئېلىش، مەھەللە - قورۇلاردا توختىتىلغان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ھەقنى بازارغا يۈزلەندۈرۈلۈپ تەڭشەش.

مۈلۈكدارلار ھەيئىتى قۇرۇلمىغان مەھەللىلەردە خوجىلىق ھەققىنى ئېلىش بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى ئېلىشتا داۋاملىق ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خوجىلىق ھەققى ئېلىش مۇلازىمەت سۈپىتىگە ئاساسەن تۆت دەرىجىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ قىممەت ھەق ئېلىش بولسا ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇلارنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇلازىمىتى بولۇپ، ئىككى يۈەن / ئاي/ كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملىك باھا بولۇپ، %10 يۇقىرىلىتىشقا ياكى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ؛ مەھەللە - قورۇلاردا توختىتىلغان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ھەقمۇ تۆت خىلغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، يولنى ئىگىلەپ توختىتىپ قويۇلغان ھەربىر ئاپتوموبىلدىن ئايدا ئېلىنىدىغان ھەق 64 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

مۈلۈكدارلار ھەيئىتى قۇرۇلغان مەھەللىلەردە خوجىلىق ھەققى بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى ئېلىشتا بازار باھاسى ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى مۈلۈكدارلار ھەيئىتى بىلەن خوجىلىق كارخانىسى مۇلازىمەت سۈپىتىگە ئاساسەن كېلىشىش ئارقىلىق بېكىتىدۇ.

مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى خوجىلىق نازارەتچىلىكى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەھىرىمىزدە خوجىلىق شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مەخسۇس مەھەللىدىن 1391 ى بولۇپ، 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەھىرىمىزدە مۈلۈكدارلار ھەيئىتىدىن 213 ى قۇرۇلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىغان: «خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققىنى ئېلىش (مەھەللە - قورۇلاردا توختىتىلغان ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بازار رىقابىتى نىسبەتەن تولۇق بولغان كەسىپكە تەۋە بولۇپ، شەھىرىمىزنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى نىسبەتەن تولۇق بولۇپ، مۈلۈكدارلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش، ھوقۇقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغداش مېخانىزمى تەدرىجىي ئورنىتىلىۋاتقان بولۇپ، مۈلۈكدارلار ھەيئىتى ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۈپەت بىلەن باھانى سېلىشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ياخشى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەن بولغان خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىسىنى تاللىسا بولىدۇ».

  ▲ خوجىلىق ھەققىنى ئېلىشتىكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى

كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇ مەھەللە - قورۇلىرىنىڭ 4- دەرىجىلىكتىن 1- دەرىجىلىككىچە بولغان ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 0.3 يۈەن، 0.4 يۈەن، 0.5 يۈەن، 0.6 يۈەن، ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇ مەھەللە - قورۇلىرىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 0.8 يۈەن، 1.1 يۈەن، 1.5 يۈەن، ئىككى يۈەن. (كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى %10 يۇقىرىلاتقىلى ياكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ).

يېڭىدىن سېلىنغان مەھەللىلەردىكى مۈلۈكدارلار ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىلىرى مۈلۈكدارلاردىن ئالىدىغان ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققى ئادەتتىكى تۇرالغۇ مەھەللە - قورۇلىرىنىڭ 3- دەرىجىلىك خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. يەنى: كۆپ قەۋەتلىك تۇرالغۇ مەھەللە - قورۇلىرىنىڭ 0.4 يۈەن / ئاي/ كىۋادرات مېتىر؛ ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇ مەھەللە - قورۇلىرىنىڭ 1.1 يۈەن / ئاي/ كىۋادرات مېتىر بولۇشى كېرەك.

    ▲ مەھەللە - قورۇلاردا توختىتىلغان ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىشتىكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى

مەھەللە - قورۇلاردا يولنى ئىگىلىۋېلىپ توختىتىلغان ھەربىر ئاپتوموبىلدىن ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 64 يۈەن ئېلىنىدۇ، مەھەللە - قورۇلاردىكى مەخسۇس ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىغا توختىتىلغان ھەربىر ئاپتوموبىلدىن ئېيىغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 80 يۈەن ئېلىنىدۇ، ئىجارىگە ئېلىنغان يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختىتىلغان ئاپتوموبىلدىن (توختالغۇ) ھەر ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 يۈەن ئېلىنىدۇ، سېتىۋېلىنغان ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى (توختالغۇ) غا توختىتىلغان ھەربىر ئاپتوموبىلدىن ھەر ئايدا 15 يۈەن ئېلىنىدۇ.

مەھەللە - قورۇلاردىكى مۈلۈكدارلار يۇقىرىقىدەك ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ يەنە باشقا ھەرقانداق ھەق يىغىشىغا بولمايدۇ.

 ▲ خوجىلىق ھەققىنى ئېلىشتا ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى، بازار باھاسى ئىجرا قىلىنسا، ئۇنداقتا خوجىلىق ھەققىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

ئادەتتىكى مەھەللە - قورۇلاردا خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى ئېلىشتا داۋاملىق ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ مۈلۈكدارلار ھەيئىتى قۇرۇلغان ئادەتتىكى مەھەللە - قورۇلاردا خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققىنى ئېلىشتا بازار باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى بەلگىلىمىدىكى خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققىنى ئېلىشتا ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى 2004- يىلى يولغا قويۇلغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى» دىكىگە ئوخشاش بولۇپ، 11 يىلدىن بۇيان ئۆزگىرىپ باقمىغان ئىكەن. 2016- يىلى يېڭى بەلگىلىمە سىناق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئوخشاش بولغان خوجىلىق ھەققىنى ئېلىشتىكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى 12- يىلىغا قەدەم قويىدىكەن.

مۇخبىر زىيارەت قىلغان نۇرغۇن خوجىلىق كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل خادىملار بازار باھاسىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنىڭ ئاھالىلەر بەھرىمەن بولالىغان خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى بىلەن تاپشۇرغان خوجىلىق ھەققىنىڭ ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. مۈلۈكدارلار ھەيئىتى قۇرۇلغان مەھەللە - قورۇلاردا «سۈپەتكە قاراپ باھا كېلىشىش، سۈپەت بىلەن باھا ئۆزئارا ماس كېلىش» پىرىنسىپى بويىچە مۈلۈكدارلار ھەيئىتى بىلەن خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىلىرى كېڭىشىش ئارقىلىق خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدىكەن.

  ▲ خوجىلىق ھەققىنى بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئاشكارىلاش كېرەك

خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىلىرى خوجىلىق مۇلازىمىتى رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايغا ھەر يېرىم يىلدا (شۇ يىلى 31- ئىيۇلدىن بۇرۇن، 2- يىلى 31- يانۋاردىن بۇرۇن) بىر قېتىم مەھەللە - قورۇنىڭ ئاممىۋى كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش كېرەك. خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققىنى ئېلىشتا باھانى ئېنىق يېزىش ئىجرا قىلىنىپ، خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىلىرى مۇلازىمەت مەزمۇنى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى، باھا ھېسابلاش ئۇسۇلى، مۇلازىمەت تۈرلىرى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش ئاساسى، «12358» باھا پاش قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى خوجىلىق مۇلازىمىتى رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايدا ئاشكارىلاپ، مۈلۈكدارلارنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. مەھەللە - قورۇنى كۆكەرتىشكە قانچىلىك پۇل سەرپ قىلىندى؟ تازىلىق چىقىمى قانچىلىك؟ خوجىلىق قايسى خىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ؟... ۋەھاكازالار. 2016- يىلىدىن باشلاپ، بۇ مەزمۇنلار مەھەللە - قورۇدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايدا ئاشكارىلىنىش كېرەك. خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىلىرى ئاممىۋى كىرىم - چىقىمىنى ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن، قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە ۋاسىتىچى ئاپپاراتتا مالىيە تەكشۈرتۈش قىلدۇرۇشى كېرەك.

نۆۋەتتە، شەھىرىمىزدە رايون (ناھىيە)، باشقۇرۇش كومىتېتى (مەھەللە باشقارمىسى، يېزا - بازار)، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئىنكاس، ئەرز قىلىش، قوبۇل قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاھالىلەر خوجىلىق مۇلازىمىتىدىن نارازى بولسا، ئۈچ دەرىجىلىك ئىنكاس، ئەرز قىلىش مېخانىزمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.

  ▲ مەھەللە - قورۇلاردا ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ۋاقتى بىر سائەت ئىچىدە بولسا ھەق ئېلىنمايدۇ

مەھەللە - قورۇلارغا ۋاقىتلىق كىرگەن ئاپتوموبىللاردىن بىر سائەت ئىچىدە ھەق ئېلىنمايدۇ؛ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىرىگە، ھەر سائىتىگە ئىككى يۈەندىن (بىر سائەتكە توشمىغاندا بىر سائەت بويىچە ھېسابلىنىدۇ)؛ ھەر كۈنى (24 سائەت ئىچىدە) ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئون يۈەن ئېلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك باھا نازارەتچىلىكى تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، خوجىلىق ھەققىنى ئېلىش ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى ئېلىش ئىزچىل ھالدا باھا پاش قىلىش، ئەرز قىلىشتىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا بۇ ئىككى تۈرلۈك ھەق ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس، ئەرز ئومۇمىي ئىنكاس، ئەرزنىڭ %60 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، يېڭى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى تۈرلۈك ھەق ئېلىشقا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايدىكەن.

   ▲ مەھەللە - قورۇلاردا ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختاتقان بىر سائەت ئىچىدە ھەق ئالماسلىق ئادىمىيلىكنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ

شەھىرىمىزدە 2013- يىلى ئاپتوموبىل توختىتىشكى يېڭى سىياسەت «ئاپتوموبىلنى توختاتقان ۋاقتى 15 مىنۇتقا يەتمىسە، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئالماسلىق» يولغا قويۇلغانىدى، 2016- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ مەھەللە - قورۇلاردا ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختاتقان ۋاقتى بىر سائەتكە يەتمىسە، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئېلىنماسلىقى كىشىلەرگە يېڭى سىياسەتنىڭ ئادەمىيلىكنى تېخىمۇ نامايان قىلغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

توختاتقان ۋاقتى بىر سائەتكە يەتمىگەن ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنماسلىقى قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلىپ باشقۇرغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى.



خەتكۈچلەر:
07-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 2 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا، يۈك 3 مىليارد 360 مىليون توننىغا يېتىپ، ئورۇندالغان تىرانسپورت خىزمىتى م...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:     تاڭزۇڭزا چاغانلىق دەم ئېلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەنزىرە رايونلىرى ئاۋاتلاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 27- ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان بىر كونا ئايروپىلان نيۇيورك بىلەن يېڭى جېرسىي شىتاتى ئارىسىدىكى خادىسۇن دەرياسىغا چۈش...
27-05-2016
     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىناق ئىشلىتىشكە كىرىشىدىكەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال قاتن...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىندا ئېچىلغان 19- قېتىملىق جۇڭگو بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «ئاپتوبۇس مېتىرو» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چى...
27-05-2016
   يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
27-05-2016
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا نىسسان ئورگان تەرەپ NV300 نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنىنىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشى ھازىرقى NV200 دىن سەل يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە رىنائۇلى...
27-05-2016
تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ شاڭخەي ۋولكسۋاگېندىن ئىگەللىشىچە، سانتانا  Cross نۇسخىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغان تەييۈەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە تۇنجى ئېلان ...
27-05-2016
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى جىلى SUV تىپى NL-4 نىڭ ئاشكارىلانغان نىقابسىز سۈرىتىگە ئېرىشتى. بۇ ماشىنىدا جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، جىلىنىڭ يېڭى لوگ...
27-05-2016
    ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى نوپۇسى كۆپ دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى بەك چوڭ. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى - تاتا گۇرۇھى نامراتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى...
Powered by Leglek