رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن قۇرغان ياۋروپا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ پارتلىشى ۋە بۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشىغا ئەگىشىپ پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ يەتتى.رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغۋار تۈرىگە قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭدىن پارچىلىنىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئاسىيا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇردى.
چۈنكى رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىق شېرىكلىرى ھازىرغىچە موسكۋا بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ سودا جېڭىگە قاتنىشىشىنى خالىمىدى.بۇ يىل 5-ئايدا، رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستان زۇڭتۇڭلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىغاندا، بۇ جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك دەۋر بۆلگۈچ پەيت، دەپ ئاتالدى.پۇتىن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، رۇسىيە ، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ يىپ يېڭى سەۋىيەگە قاراپ قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.بىراق، كېرمىل سارىيى ئۆتكەن ئايدا ياۋروپا بىلەن غەربتىكى باشقا دۆلەتلەردىن گۆش، بېلىق، مېۋە، كۆكتات ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندا، بېلارۇسىيە بىلەن قازاقىستان بۇنىڭغا قوشۇلۇشنى رەت قىلدى.
بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشىنكو مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز، بىز پولشانىڭ ئالمىسىغا موھتاجمىز، گېرمانىيەنىڭ بىر قىسىم يېمەكلىكلىرىگە موھتاجمىز.قازاقىستان زۇڭتۇڭى نازاربايىف ئۆتكەن ھەپتە مېنىسكىدا رۇسىيىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، قارمۇ-قارشى جازالاش نەتىجىسىز يول، دېدى.
ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن پۇتىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قايتىدىن قۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقى دەپ قارالدى، بىراق، ئورتاق مەيدان كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ جاكارلىغان بىر كاپىتال، تۇئار، مۇلازىمەت ۋە ئەمگەك كۈچى ئەركىن يۆتكىلىدىغان ئورتاق بازار قۇرۇش نىشانى ئاجىزلىدى.
ئالمۇتا ئەقلى ئىسلاھات خەتىرىنى باھالاش گۇرۇھىنىڭ باشلىقى دوسيىم ساتپايىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇناسىۋەتتە ناھايىتى زور مەسىلىلەر ساقلانماقتا. مەن بۇ بىر گەۋدىلىشىش تۈرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇرالماسلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن.
يېقىندا ئىچكى قىسىمدىكى بۇ خىل جىددىي ئۆزگىرىش تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۆتكەن ھەپتە ھەر قايسى تەرەپلەر رۇسىيىنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن قارشىلىشىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلىپ، نازاربايىف ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. نازاربايىف بۇندىن 20 يىل ئىلگىرى ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاق قۇرۇش خىيالىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.
ئۇ ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قازاقىستاننىڭ ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، قازاقىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىگە مۇستەقىللىقىغا خەۋپ ئىلىپ كېلىدىغان تەشكىلاتلارغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.موسكۋا بىلەن ئاستانە قازاقىستاننىڭ ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش توغرىسىدىكى سۆزلەرنى ئازايتتى.
ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى كىلەر يىلى 1-ئايدا ئاندىن رەسمىي دۇنياغا كېلىدۇ. بىراق، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە تەھلىلچىلەر ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى، دېگەن قاراشقا قوشۇلغان، ئاستانە ھۆكۈمىتىنىڭ تەپەككۇرىنى چۈشىنىدىغان بىر ئەرباب مۇنداق دېدى: ھازىر كۆرۈنەرلىك بولغىنى شۇكى، رۇسىيە بىلەن بولغان بۇ خىلدىكى ئالاقە قازاقىستاننى چوڭ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
قازاقىستان ئۇزاقتىن بۇيان رۇسىيە بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ قوشنىسى بىلەن بولغان رىقابەتتىكى مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدى. بىراق قازاقىستاننىڭ 2-چوڭ بانكىسى بولغان خەلق بانكىسىنىڭ باش لىدىرى ئۈمىد شاياقمىتوۋا قازاقىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ قويۇق سودا، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىسى بولغانلىقتىن، موسكۋانى جازالاشنىڭ قازاقىستانغا تەسىر كۆرسىتىشدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: غەرب بانكىلىرى بىزگە كۆپلىگەن مۇۋاپىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ، موسكۋانى جازالاشنىڭ قازاقىستانغا ئىنتايىن پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەسىرگە ئۇچرىدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى ئۆتكەن يىلدىكى %6دىن تۆۋەنلەپ، %3.9 گە چۈشۈپ قالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە بىلەن بولغان سودىسىنىڭ بەشتىن بىرى تۆۋەنلىدى. قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى ئۆتكەن ئايدا، قازاقىستاننىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازالاش مۇمكىنچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، C پىلانىنى تۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. نازاربايىف يېقىندا قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يېڭى يىغىن مەزگىلىدە، پۈتكۈل يەر شارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60نى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ قارمۇ-قارشى جازالاشنى يولغا قويغانلىقىنى، بۇ ئېغىر تەڭشەشنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved