شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 18-دېكابىر سېررالېئوننىڭ شەرقىدىكى Koidu دا كىشىلەر ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان بىر كىشىنىڭ جەسىتىنى ئورىۋالدى.
جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 21-دېكابىر تېلېگراممىسى : ياپونىيە ئورتاق ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) يېقىندا سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، 17-دېكابىرغىچە غەربىي ئافرىقىدىكى لىبىرىيە ، سېررالېئون ۋە كېنىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە جەمئىي 19 مىڭ 31 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 7373 ئادەم قازا قىلغان .
بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىغا سېلىشتۇرغاندا ، يۇقۇملانغانلار بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 462 ۋە 473 ئادەم ئاشقان . ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى قازا قىلغانلارنىڭ سانىغا كەلسەك ، لىبىرىيەدىن 3346 ئادەم ، سېررالېئوندىن 2477 ئادەم، كېنىيەدىن 1550 ئادەم قازا قىلغان .
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردىن باشقا ئامېرىكا، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە جەمئىي 15 ئادەم بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان ، بۇ ساننى قوشقاندا ، پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 7388 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسىدا قازا قىلغان .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved