قاناس مەنزىرىگاھىنىڭ بۇ يىل ئون مىڭ تەيۋەنلىك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشىدىن ئۈمىد بار
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاناس مەنزىرىگاھىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ جۈنخاۋ 4-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن مۇنداق دېدى: تەيۋەنلىك قېرىنداشلار قاناس مەنزىرىگاھىنى ياخشى كۆرىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەنزىرىگاھقا كەلگەن تەيۋەنلىك ساياھەتچى مۇقىم ئاشتى، بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئون مىڭ ئادەمدىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.
گۇ جۈنخاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەيۋەنلىك قېرىنداشلار قاناسقا كۆپ ھاللاردا 2-، 6-، 9-ئايدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ مەزگىلدىكى ئالتۇن پەيتتە كېلىدۇ، بۇلتۇر تۇنجى قېتىم تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت نىسبەتەن كاسات بولغان 2-ئايلىق قىشلىق ساياھەت مەزگىلىدىمۇ تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەر قاناسقا كەلگەن ئومۇمىي ساياھەتچىنىڭ %10 نى ئىگىلىدى. بەزى ساياھەتچىلەر بەش قېتىم كەلدى.
گۇ جۈنخاۋ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: مەن بۇ يىل 11-ئايدا تەيبېيغا بېرىپ يىللىق ئىككى قىرغاق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، بىر تەرەپتىن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا قاناسنى يەنىمۇ تونۇشتۇرىمەن، يەنە بىر تەرەپتىن تەيۋەننىڭ ساياھەت ساھەسىدىن تەجرىبە ئۆگىنىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: باشقۇرۇش كومىتېتىمىزنىڭ بۇ كۆرگەزمىگە ئۆز ئالدىغا قاتنىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، بىز تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشنى قاناستىن ئىبارەت بۇ ئېسىل ساياھەت بايلىقىدىن بەھىرلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدۇق، ئىككىنچىدىن، تەيۋەن ئارىلىنىڭ ساياھەتچىلەر بازىرى ناھايىتى مۇقىم، مەخسۇس تونۇشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ، ئۈچىنچىدىن، باشقۇرۇش كومىتېتىمىز بۇ يىل قىشلىق ساياھەتنى ئاساسلىق تونۇشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved