ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ ؟

يەر شارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئافغانىستان پارلامىنتىنڭ تۆۋەن پالاتاسى شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن تۈزگەن بىخەتەرلىك كېلىشىمنى تەستىقلاپ ،تەخمىنەن 12 مىڭ 500 كىشىلىك خەلقئارا قىسىمنىڭ 2015- يىلى ئافغانىستانغا داۋاملىق تۇرۇشىغا يول قويغان ئىدى .


ئۇلاردىن باشقا ئامېرىكا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 22-نويابىر ئاشكارلىشىچە ،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىگە چېتىشلىق بىر پىلاننى مەخپى تەستىقلاپ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇشلارغا قاتنىشىش پۇرسىتى بەرگەن .

 

ئوباما بۇ يىل مايدا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كېلەر يىلى ئافغانىستانغا ھېچقانداق ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىگە قاتناشمايدىغانلىقى قېلىپ قالغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ پەقەت ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسمىنى تەربىيىلەش ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ قالدۇق كىشىلىرىنى قوغلاپ تۇتۇشقىلا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى ،لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى قارارىغا قارىغاندا 2015-يىلى ئافغانىستانغا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان تالىبان قوراللىقلىرى شۇنداقلا باشقا قوراللىقلارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن .ناۋادا تالىبان قوراللىقلىرى بازا تەشكىلاتىغا بىۋاستە ياردەم بەرسە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىمۇ بولىدىكەن.


ئۇنىڭدىن باشقا ئافغانىستاننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى غەنى يېقىندا سابىق زۇڭتۇڭى كازافىينىڭ ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا قويغان ھاۋا ھۇجۇمى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇشقا قاتناشقان ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە ھاۋا ھۇجۇمى ياردىمى بېرىش ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بىرگە تالىبان قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىش ئىجازىتىگىمۇ ئېرىشتى .ئامېرىكىنىڭ ئىلگىركى ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىغا ئاساسەن ئافغانىستانغا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى بۇ يىلنىڭ ئاخىرى 9800 كىشىگە كېمەيتىلمەكچى ،كېلەر يىلىنىڭ .ئاخىرى يەنە ئۇنىڭ يېرىمى كېمەيتىلمەكچى ،2016-يىلىنىڭ ئاخىرى ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈلمەكچى بولغان ئىدى .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK



27-11-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
Powered by Leglek