ئۇكرائىنا ئارمىيە تەرەپ بىلەن ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتى 6-فېۋرال مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ، دونىستىك ئوبلاستىنىڭ جىبارسەيۋو شەھرىدىكى پۇقرالارنىڭ بۇ شەھەردىن چېكىنىشىگە يېشىل يول ئېچىش ئۈچۈن، شۇ كۈنى سەككىز سائەت ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.
شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 9 دىن 17 گىچە قىلىپ بېكىتىلگەن.
دونىستىك ئوبلاستلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى، پۇقرالارنى چېكىندۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، تۇنجى تۈركۈمدە چېكىندۈرۈلگەن پۇقرالار شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئارچوموۋىسكى شەھىرىگە يېتىپ بارغانلىقىنى، ئارقىدىن ئۇلارنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۆز ئالدغا قۇرۇلغان دونىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: پۇقرالارنى چېكىندۈرۈش خىزمىتى شۇ كۈنى باشلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: جىبارىسەيۋو شەھىرىدىن چېكىندۈرۈلگەن پۇقرالار ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كونتىرول قىلىپ تۇرغان ئارچوموۋىسكى شەھىرىگە ياكى ئەلئارا قوراللىق كۈچلەر كونتىرول قىلىپ تۇرغان دونىستىك شەھىرىگە بېرىشىنى ئۆزلىرى تاللايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved