تۇنجى تۈركۈمدە قايتىپ كەلگەن ئىراقتىكى جۇڭگولۇق ئىشچىلار گۇاڭجۇدا مېتروغا چىقماقتا
جۇڭگو گېزىتى تورى ، گۇاڭجۇ ، 29-ئىيۇن تېلېگراممىسى : مائەنشەن جۇڭگو ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق خىزمەتچىلىرى 28-ئىيۇندىن باشلاپ جۇڭگوغا قايتىشقا باشلىدى . بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز كىشى 29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن گۇاڭجۇغا يېتىپ كېلىپ ، ئەنخۇي ۋە خېنەندىكى ئۆيلىرىگە قايتتى ، 20 كۈن ئوق-زەمبىرەك ئاۋازى ئىچىدە كۈتۈش نەتىجىسىدە ، ئۇلار ئاخىرى يۇرتقا ئامان-ئېسەن قايتتى .
ئىشچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، مائەنشەن جۇڭگو ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئىراق ساھلاتىندىكى زاۋۇتىدا 100 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار بولۇپ ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ رايوندىن ئامان-ئېسەن ئايرىلىپ ، باغدادقا يېتىپ كەلگەن . 29-ئىيۇن مائەنشەن جۇڭگو ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق سەككىز خىزمەتچىسىنى باشلاپ جۇڭگوغا قايتقان ليۇ يېتەكچىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ قېتىم ئۇلار بىلەن بىللە گۇاڭجۇغا كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە يەنە جۇڭگونىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باشقا شىركەتلەرنىڭ ئون نەچچە خىزمەتچىسىمۇ بار ئىكەن .
لەگلەك تورى يوللانمىسى : لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ : LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved