پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 9-ئۆكتەبىر ، پاكىستاننىڭ قوشنا دۆلەت ھىندىستان بىلەن قارشىلىشىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى، چېگرا رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ قارشىلىشىشقا ئۆزگىرىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: پاكىستان ھىندىستاننىڭ ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارى بار. ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: كەشمىرنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى پاكىستان كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھىندىستان توپقا تۇتۇش ئارقىلىق بۇنىڭغا قەتئىي قايتۇرما زەربە بىرىدۇ. ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىر چېگرا رايونىدا بىر-بىرىنى توپقا تۇتتى، پاكىستان تەرەپ توپقا تۇتۇش جەريانىدا ئاز دېگەندە پاكىستانلىق 10 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 42 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved