ئىسرائىلىيە ھەربىي سوتى پەلەستىن پارلامېنت باشلىقىنى 12 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىسرائىلىيەدىكى «ئوفەر» ھەربىي سوت مەھكىمىسى پەلەستىن پارلامېنت باشلىقى ئەزىز دۇۋەيىكنى12 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 1 مىڭ 500 دوللار ئىقىسادى جازا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەھرار ئەسىرلەر مەركىزى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، «غەربى قىرغاقتا بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن پارلامېنت باشلىقى ئەزىز دۇۋەيىك ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن سوتقا تارتىلدى، ئىسرائىلىيە ئوفەر ھەربىي سوت مەھكىمىسى دۇۋەيكنى 12 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 1 يېرىم مىڭ دوللار جەرىمانە قويدى» دېيلگەن. بۇ باياناتتا مەزكۇر قارار ئەيىبلىنىپ، دۇۋەيىك قاتارلىق ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى بارلىق پەلەستىنلىك پارلامېنت ئ‍ەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرلىشى چاقىرىق قىلىندى.
باياناتتا، «ئىسرائىلىيە 2006-يىلى خاماس غەلبە قىلغان سايلامدىن كېيىن مەقسەتلىك ھالدا پەلەستىن قانۇنى پارلامېنت ئەزالىرىنى نىشان قىلماقتا، پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا» دېيىلگەن.
پەلەستىن پارلامېنت باشلىقى ئەزىز دۇۋەيك ئۆتكەن يىلى 12-ئىيۇندا غەربى قىرغاقتا 3 يەھۇدىنىڭ يۇقاپ كېتىشى ۋە نەتىجىدە جەسىتىنىڭ بايقىلىشى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئارمىيسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ۋە تازىلاش ھەرىكەتلىرىدە قولغا ئېلىنغان ئىدى. دۇۋەيكنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر قانچە قېتىم ئ‍سرائىلىيە تەرەپتىن قولغا ئېلىنغان.



26-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek